خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان «غالىبىيەت كۈنى» پاراتىغا قاتنىشىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە دۆلەت ئاخبارات ئاگېنتلىقى TASS دۈشەنبە كۈنى، يەنى 10-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىدە رۇسىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىگور مورگۇلوف (Igor Morgulov) نىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ماي كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى› نىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە قاتنىشىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى» دېگەن.
موسكۋانىڭ «غالىبىيەت كۈنى» نى تەبرىكلىشىگە ئىلگىرى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى قاتنىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيەنىڭ 2022-يىلى 2-ئايدا ئۇكرائىناغا قوراللىق تاجاۋۇز قىلىشىدىن كېيىن ئۇلار بۇ پاراتقا قاتنىشىشنى توختاتقان. ھالبۇكى، خىتاي رۇسىيەنى دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىزچىل قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا، خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوللاۋاتقان «ئاچقۇچلۇق ئامىل» غا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا رۇسىيەگە ياردەم قىلىۋاتقان بەزى خىتاي شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەن ئىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە باش ئەلچىسى ئىگور مورگۇلوف يەنە، شى جىنپىڭنىڭمۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى بۇ يىل 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاينىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلەشكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ناتسىستلار گېرمانىيەسى 1945-يىلى 8-ماي كۈنى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە شەرتسىز تەسلىم بولغان بولۇپ، ئامېرىكا، فىرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر شۇ كۈنى «ياۋروپانىڭ غالىبىيەت كۈنى» قىلغان، ئەمما موسكۋا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن بۇيان 9-ماينى ئۆزىنىڭ «غالىبىيەت كۈنى» سۈپىتىدە تەبرىكلەپ كەلمەكتە. خىتاي تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان 2024-يىلىدىكى ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى 237 مىليارد دوللارغا يېتىپ، رېكورت ياراتقان.