شى جىنپىڭ قازاقىستان زىيارىتىدە ئىككى دۆلەتنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتى» نى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن
2024.07.03
7-ئاينىڭ 3-كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ قازاقىستانغا بېرىپ، قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايېۋ بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە خىتاينىڭ ھەر ۋاقىت قازاقىستاننىڭ يېقىن دوستى، ئىشەنچلىك شېرىكى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ قازاقىستاندىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، توقايېۋ بۇ قېتىم شى جىنپىڭنى كاتتا داغدۇغا بىلەن كۈتۈۋالغان. 2023-يىل شى جىنپىڭ توقايېۋ بىلەن شىئەندە ۋە بېيجىڭدا ئىككى قېتىم كۆرۈشكەن بولۇپ، شۇ چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. شى جىنپىڭ بۇ قېتىم توقايېۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، خىتاي-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىر «ئالتۇن دەۋر» گە قەدەم قويغانلىقىنى، بۇ مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى قازاقىستاننى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم دۆلەت، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ غوللۇق ئەزاسى دەپ قاراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ناھايىتى ئېنىق ھالدا «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى» ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقى مەلۇم. شى جىنپىڭ بۇ قېتىم قازاقىستانغا بۇ نۇقتىنى ئەسكەرتىپ، ىز خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ مۇناسىۋىتىگە باشتىن ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك، يىراق نەزەر بىلەن قارايمىز؛ قازاقىستاننى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم شېرىك دەپ بىلىمىز. قازاقىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى قەتئىي قوغدايمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرىمىز، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگىرىپ قالمايمىز؛ خىتاي قازاقىستاننىڭ مەڭگۈلۈك دوستى ۋە ئىشەنچلىك شېرىكى» دېگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىرداشلار ئورتاق گەۋدىسى» قۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سۆھبەتتە قازاقىستان تەرەپمۇ خىتاينىڭ «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشى» غا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىدىغانلىقىنى، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلاردا ھەر ۋاقىت خىتاي بىلەن زىچ ماسلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ شۇنداقلا «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، يېزا ئىگىلىك، سودا، يېڭى ئېنېرگىيە، توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسىدە يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىككى تەرەپ يەنە كېلەر يىلىنى «خىتاي ساياھەت يىلى قىلىش»، مائارىپ، مەدەنىيەت ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.
يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش، قازاقىستانمۇ خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشقان تىرىشىۋاتقان دۆلەت بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ خىتايغا يېقىنلىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇ سەۋەبتىن قازاقىستان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىپلا قالماي، خىتاينى قوللايدىغان تەرەپتە تۇرماقتا. قازاقىستانلىق گىئو-ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى شېرىپجان نادىروف رادىيومىزغا بەرگەن زىيارىتىدە، قازاقىستاندەك يېڭى دۆلەتنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەر ئىككىسىگە بېقىنىپ قالمايدىغان، بەلكى ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى يوشۇرۇن رىقابەتتىن پايدىلىنىدىغان يول تۇتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.