خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى 22 - فېۋرال كۈنى موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇردى. رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىككى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شى جىنپىڭنىڭ موسكۋا زىيارىتىنىڭ كۈن تەرتىپى ۋە «قىش دۆلەتلىرى» تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يىغىنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى،سانكتپېتېربۇرگدا ئېچىلىدىغان 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەر ھەققىدە پۈتۈشۈم ھاسىل قىلغان.
لاۋروۋ بىلەن ياڭنىڭ سۆھبەتلىرىدە يەنە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادى، ئېنېرگىيە ۋە باشقا مەسىلىلەرگە ئائىت ھەمكارلىقلىرى ھەققىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە خىتاينىڭ يېڭىدىن سايلانغان كومپارتىيە باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 3 - ئايدا رۇسىيىنى زىيارەت قىلىدىكەن، بۇ ئۇنىڭ ھوقۇقنى ئىگىلىگەندىن كېيىنكى تۇنجى چەتئەل سەپىرى بولىدىكەن.
لاۋروۋ - ياڭ سۆھبىتىدە سۈرىيە، شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى ۋە باشقىلاردىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلغان بولۇپ، رۇسىيە بىلەن خىتاي بۇ مەسىلىدە يەنىلا بىردەك مەيداندا ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.
خىتاي كوممۇنىست رەئىسلىرىنىڭ ماۋ زېدوڭدىن باشلاپ، ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن تۇنجى چەتئەل سەپىرى سۈپىتىدە موسكۋانى تاللاش ئەنئەنىگە ئايلانغان ئىدى، بۇ قېتىم شى جىنپىڭ يەنىلا شۇ قەدەمنى بېسىش ئالدىدا تۇرماقتا.