خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى قاتارلىق مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىملىقنى ساقلاشنى تەكىتلەپ، رايوندا تېررورلۇققا قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى تەستىقلىغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 23 - ئاپرېل مارالبېشىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە بۇ جەرياندا رايوننىڭ مۇقىم،تىنچ ۋەزىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم دائىرىلىرىمۇ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيىلەردە يىغىن ئېچىپ، مۇقىملىقنى ساقلاشنى تەكىتلىگەن. ئۇيغۇربىز تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 8663 - قىسىم ئارمىيىسى بىرنەچچە كۈندىن بۇيان رايوندا تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا بىر يۈرۈش مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.
تۈنۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارالبېشى ۋەقەسى ھەققىدە بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مارالبېشى ۋەقەسىنى ئېنىقلاشتا ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشنى، ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.