ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 15-نويابىر چارشەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ سان-فرانسېسكو شەھىرىدە كۆرۈشىدىغان بىر پەيتتە، بايدىن ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىش ھەققىدىكى قاتتىق بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر 11-نويابىر كۈنى ئامېرىكا FOX تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بايدىننىڭ خىتاينى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسلىرىدىن، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىت ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف ماركېلىي بايدېننىڭ شى بىلەن كۆرۈشكەندە خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسىنى سۆزلىشىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.
مايك گاللاگېر Fox تېلېۋىزىيە قانىلىدا مۇنداق دېگەن : «بىز ئايلاردىن بېرى نۇرغۇن كابىنېت مىنىستىرلىرىنى، جون كەرىينى خىتايغا يوللاپ، بۇ كۆرۈشۈش ئۈچۈن خىتايغا يالۋۇردۇق ۋە بۇ بىر بەدەلگە توختىدى. لېكىن ھۆكۈمەت 2 يىلدىن بېرى بىرمۇ خىتاي ياكى خوڭكوڭ ئەمەلدارىغا خوڭكوڭ ئاپتونومىيەسىنى يوق قىلغانلىقى ئۈچۈن جازا يۈرگۈزۈپ باقمىدى. جاسۇسلۇق ھاۋا شارى ۋەقەسىنى جىمجىت يىغىشتۇردى. شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۈچۈن ھېچكىمنى جازالىمىدى. كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىگە قارىتا ھەقىقىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىدى» .
مايك گاللاگېرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىگە يول قويۇش ئۇنىڭ تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ئاقساراي پىرېزىدېنت بايدىننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ئالاقە قاناللىرىنى ئوچۇق تۇتۇشنى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى جىددىيلىكنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش يوللىرىنى سۆزلىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلماقتا. لېكىن ئاۋسترالىيەلىك خىتاي سەنئەتكار باديۇساۋغا ئوخشاش بەزى پائالىيەتچىلەر X تا يەنى بۇرۇنقى تۋىتتېردا ئىنكاس يېزىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى مەسئۇلىيىتى سەۋەبلىك ھەرقانداق بىر دېموكراتىك دۆلەتكە قەدەم باسقان ھامان قولغا ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.