ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئەۋجىگە چىققان بىر پەيتتە شى جىنپىڭ موسكۋاغا يېتىپ كەلدى

ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئەۋجىگە چىققان، شۇنداقلا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان بىر پەيتتە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 20-مارت كۈنى رۇسىيە زىيارىتىنى باشلىغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ كۈنى كرېمىل سارىيىدا ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، ھەم غەربكە تاقابىل تۇرۇشتىكى پايدىلىق ئىتتىپاقداش، دەپ قارايدىغان رۇسىيە بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەم بېيجىڭنىڭ ئۇكرائىنا تىنچلىق مۇساپىسىدىكى رولىنى ئالغا سۈرۈشكە كىرىشكەن.

شى جىنپىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ۋلادىمىر پۈتۈن ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئۇكرائىناغا قوراللىق تاجاۋۇز قىلغان بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇكرائىنا بالىلىرىنى رۇسىيەگە يۆتكەش بىلەن ئەيىبلىشىدىن بېرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن تۇنجى چەتئەل رەھبىرىدۇر. مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى يەنە خىتاي، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى قورال-ياراق بىلەن مەخپىي تەمىنلەش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان، ئۇنىڭ تەمىنلىگەن قوراللىرىنىڭ ئۇكرائ‍ىنا ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئولجا ئېلىنغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقالغان بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان.

شى جىنپىڭ بىلەن پۈتۈن كرېمل سارىيىدا ئۇچراشقاندا بىر-بىرىگە «قەدىرلىك دوستۇم» دەپ خىتاب قىلىشقان. شى جىنپىڭ، ۋلادىمىر پۇتىننىڭ «كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە رۇسىيەنىڭ مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەنلىكى» نى، رۇسىيە خەلقىنىڭ 2024-يىلدىكى سايلامدا پۇتىننى قايتا «قوللىشىغا ئىشىنىدىغانلىقى» نى ئېيتقان. پۇتىننىڭ قەيت قىلىشىچە، «خىتاي ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتا ۋە دۆلەتنى كۈچەيتىشتە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك سىستېما ياراتقان».

خىتاي رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتكەن بىر ۋاقىتتا، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ھەل قىلىشنىڭ 12 ماددىلىق پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن ئۇكرائىنا ۋە ئۇنىڭ غەرب ئىتتىپاقداشلىرى ھەرقانداق بىر ئۇرۇش توختىتىش رۇسىيەگە ۋاقىت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئەمەل قىلىشىنى، رۇسىيەنىڭ قوشۇن چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كرېمىل سارىيى پۇتىننىڭ شى جىنپىڭغا رۇسىيەنىڭ پوزىتسىيە ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خەۋەردە ئىككى تەرەپنىڭ 21-مارت كۈنى رەسمىي سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.