خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ 20-مارت كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى مۇھاكىمىلەر ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن كەڭ يەر ئالدى. بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى زىيارەت رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىق خاتىرىسى ۋە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ۋىلادىمىر پۇتىننى ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلىشىغا توغرا كەلگەنلىكتىن، بۇنىڭ تەسىرى چوڭ بولدى.
CNN نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مەسىلىسى ئىككى تەرەپنىڭ تۇنجى كۈندىكى سۆھبىتىدە مۇھىم تېما بولغان. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا شى جىنپىڭ ۋە پۇتىن بىرنەچچە قېتىم قارشى تەرەپنى «قەدىردان دوستۇم» دەپ ئاتىغان. شۇنىڭدەك ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى «دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق» نىڭ تېخىمۇ زورىيىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇچرىشىشتىن كېيىن پۇتىن رەسمىي ھالدا شى جىنپىڭنى مەدھىيەلەپ: «بىز خىتاي تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارىسىگە ھۆرمەت قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تىرىشچانلىقىغا ھەۋىسىمىز كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىمىز» دېگەن. شى جىنپىڭ بولسا بۇنىڭغا جاۋابەن: «قەدىردان دوستۇم پۇتىننىڭ رەھبەرلىكىدە رۇسىيە ئاۋاتلىقنىڭ يېڭى پەللىسىگە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. شۇڭا كېلەر يىللىق سايلامدا رۇسىيە خەلقى ئۇنى قايتىدىن پرېزىدېنتلىققا سايلىشى مۇمكىن» دېگەن.
ئەمما ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «شى جىنپىڭنىڭ دەل خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى پۇتىننى تۇتۇش ھەققىدە بۇيرۇق ئېلان قىلغان مەزگىلدە موسكۋاغا زىيارەتكە كېلىشى ماھىيەتتە ئۇنىڭ نەزىرىدە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنى قىلچىلىكمۇ ئەيىبلىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ» دېگەن. شۇنىڭدەك شى جىنپىڭنىڭ مۇشۇنداق زور ئۇرۇش جىنايىتىنى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا ئۇلار بىلەن بۇ قەدەر ئاپاق-چاپاق بولۇشىنى ئەمەلىيەتتە «رۇسىيەنىڭ مۇشۇ خىل جىنايەتنى داۋاملىق سادىر قىلىشىغا چاپان يېپىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى 20-مارت كۈنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى باھالاش تېمىسىدىكى 2022-يىللىق دوكلاتنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزلىگەن. دوكلاتتىمۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى كەسكىن تەنقىدلەنگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئىزچىل ئۇكرائىنادا تىنچلىق ئورنىتىش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۆزلىرىنىڭ بارلىق چارىلارنى ئىشقا سېلىپ تىنچلىق ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ بۇ باياناتلىرىدىن ئىزچىل گۇمانلىنىۋاتقان بولۇپ، تېخى يېقىندا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى خىتاينىڭ رۇسىيەگە زور تۈركۈمدىكى ئېغىر تىپتىكى قىرغۇچى قوراللارنى سېتىپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.