خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ پېرۇدا ئامېرىكانىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان چوڭ تىپلىق دېڭىز پورتىنىڭ ئېچىلىشىغا قاتناشقان

توققۇز كۈنلۈك زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن لاتىن ئامېرىكاسىغا قاراپ يولغا چىققان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ، 14-نويابىر پەيشەنبە كۈنى پېرۇدا، خىتاي مەبلەغ سالغان تالاش-تارتىشتىكى چوڭ تىپلىق دېڭىز پورتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ، پېرۇ پايتەختى لىمادىن 60 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى پورتنىڭ ئېچىلىشى مۇراسىمىغا پېرۇ پىرېزىدېنتى سارىيىدىن ئېكران ئارقىلىق قاتناشقان. خەۋەردە، شى جىنپىڭنىڭ بىر مىليارد 300 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنغان بۇ پورت قۇرۇلۇشى «پېرۇغا كۆرۈنەرلىك مىقداردا كىرىم ۋە غايەت زور ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى» ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما پورت قۇرۇلۇشىغا يەرلىك خەلقنىڭ گۇمان بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈلمەكتە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، يەرلىك ئامما بۇ قۇرۇلۇش يەرلىك خەلقنى بېلىقچىلىقتىن مەھرۇم قىلدى، بۇ قۇرۇلۇش يەرلىككە ھېچقانداق ئىقتىسادىي پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ، دەپ قارىماقتىكەن.

خەۋەردە، پېرۇلۇق بىر بېلىقچىنىڭ «بېلىق تۇتىدىغان يېرىمىز قالمىدى، ئۇلار بېلىقچىلىقىمىزنى ۋەيران قىلدى» دېگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە يەرلىك ئاھالە چانكاي پورتنىڭ مۇھىتقا ئېلىپ كېلىدىغان ۋەيرانچىلىقىدىنمۇ ئەندىشە قىلماقتىكەن. خىتاي بىر مىليارد 300 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان بۇ چوڭ تىپلىق پورت، ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ پورتنى ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى ئامېرىكانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا جەنۇبى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لاۋرا رىچاردسون، بۇ پورتنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن بىخەتەرلىك خەۋپى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئۇ «بۇ پورتنىڭ قوش مەقسەت ئۈچۈن قوللانغىنى بولىدىغان چوڭقۇر سۇ پورتى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى «بۇ پورتنى مۇتلەق شۇ مەقسەتتە ئىشلىتىشى مۇمكىن» دېگەن. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ لاتىن ئامېرىكاسىدىكى توققۇز كۈنلۈك بۇ زىيارىتىدە، بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يىغىنىغىمۇ قاتنىشىدىكەن. ئۇنىڭ بۇ سەپىرى، دونالد ترامپنىڭ 5-نويابىر ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقىغا قايتا سايلىنىشىدىن كېيىنكى ۋەزىيەتتە، خىتاينىڭ يەر شارى تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارالماقتا.