ئامېرىكا شىركەت رەھبەرلىرىنىڭ 40 مىڭ دوللار تۆلەپ شى جىنپىڭنىڭ كەچلىك زىياپىتىگە قاتنىشىشى تالاش-تارتىش قوزغىدى

ئامېرىكادىكى داڭلىق شىركەت رەھبەرلىرىنىڭ 40 مىڭ دوللار تۆلەپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سان-فرانسىسكودا ئۆتكۈزگەن كەچلىك زىياپىتىگە قاتنىشىشى ئامېرىكادا تالاش-تارتىش قوزغىدى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتى X تىكى ھېسابىدا 40 مىڭ دوللار تۆلەپ شى جىنپىڭنىڭ زىياپىتىگە قاتناشقان ئامېرىكا شىركەت مەسئۇللىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ئاشكارىلىدى. مەزكۇر كومىتېتنىڭ 16-نويابىر كۈنى X تا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، زىياپەتكە قاتناشقان ئامېرىكا شىركەت مەسئۇللىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغۇچى كوممۇنىست شى جىنپىڭنىڭ كەچلىك زىياپىتىگە 40 مىڭ دوللار تۆلەپ قاتناشقان ‹شەرەپ مېھمانلىرى» دەپ تەنقىدلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، زىياپەتكە قاتناشقان داڭلىق ئامېرىكا شىركەت مەسئۇللىرىنىڭ ئىچىدە ئالما شىركىتىنىڭ دىرېكتورى تىم كۇك، بوئېڭ شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ستانلېي دېل، خانېيۋېلنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى دارىئۇس ئادامژېك، بلەكستون يەنى قاراتاش شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ستېفان شۋارتسمان، ماستېركارتىنىڭ ئىجرا’‍ئىيە دىرېكتورى مەرىت يانوۋ قاتارلىق شەخسلەر بار ئىكەن. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىدە، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالما قاتارلىق شىركەتنىڭ ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى قانۇنى» غا قارشى پائالىيەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بۇ كەچلىك زىياپەتنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى كومىتېتى بىلەن ئامېرىكا-خىتاي سودا كېڭىشى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زىياپەتتە شى جىنپىڭ نۇتۇق سۆزلەپ، «خىتاي تەرەپ فەنتانىلنىڭ ئامېرىكا خەلقىگە، بولۇپمۇ ياشلىرىغا ئېلىپ كەلگەن زىيانكەشلىكىگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ پرېزىدېنت بايدېن بىلەن زەھەرگە قارشى خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ھەمكارلىشىشقا كېلىشكەنلىكىنى ئېيتقان. لېكىن ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گالاگېر، ئامېرىكا شىركەت مەسئۇللىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرى بىلەن كەچلىك زىياپەتكە قاتنىشىشىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ ئامېرىكا-خىتاي سودا كېڭىشى بىلەن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى كومىتېتىغا خەت يېزىپ، «ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ نەچچە مىڭلىغان دوللار تۆلەپ، شىنجاڭدىكى مىليونلىغان بىگۇناھ ئەر، ئايال ۋە بالىلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئوخشاش ئەمەلدارلىرى ساھىبخانىلىق قىلغان كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە قاتنىشىشى ۋىجدانسىزلىق» دېگەن.