ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كەچلىك زىياپەتكە قاتناشقان ئامېرىكالىق زەردارلارنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، «ئامېرىكا-خىتاي سودا كېڭىشى» ۋە «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى كومىتېتى» ناملىق ئىككى ئورگان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سان-فىرانسىسكودىكى زىيارىتى مەزگىلىدە ئۇنىڭ شەرىپىگە بىر كەچلىك زىياپەت ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇلار بۇ زىياپەتكە قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلغان شىركەت باشقۇرغۇچىلىرىغا بىلەت ساتقاندىن سىرت، شى جىنپىڭ بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرماقچى بولغانلارنىڭ بېلەت باھاسىنى 40 مىڭ دوللار قىلىپ بېكىتكەن.
ئامېرىكادىكى مايك گەللىگىر قاتارلىق سىياسىيونلار ۋە باشقا كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارلىرى بۇ ۋەقەنى كۈچلۈك تەنقىدلىدى. «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك گەللىگىر باياناتىدا، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ۋە ھەمدە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بۇ ھاكىمىيەتنىڭ رەھبىرى بىلەن غىزالىنىش ئۈچۈن يەنە مۇشۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان زىياپەتكە قاتناشقان ئامېرىكالىق تىجارەتچىلەرنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇ «X» تىكى ئىنكاسىدا «سىلەر شى جىنپىڭ بىلەن بۇ زىياپەتتە نېمە دەپ پاراڭلاشماقچى؟ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىڭىز قانداق كېتىۋاتىدۇ، خوڭكوڭلۇقلارنى ئوڭۇشلۇق باستۇرغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمىز، دەپ سۆھبەتلەشمەكچىمۇ؟» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان شىركەت لىدىرلىرىنىڭمۇ تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئالما شىركىتى، قاراتاش (BlackRock)، ئەمۋەي ۋە بوئىڭ (Boeing) قاتارلىق شېركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكادىكى زىيارىتى كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارلىرىنىڭمۇ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. دوكتور ئادرىيان زېنز ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ دەپ باھالىغان بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرىنى كۈتۈۋېلىشى ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئىناۋىتىنى تۆكىدۇ، دېدى.