ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس چارشەنبە كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە شى جىنپىڭ خىتاينىڭ دۇنيادا قالايمىقانچىلىق چىقارمايدىغانلىقىنى، لېكىن زېمىن مەسىلىسىدە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جىم ماتتىسنىڭ زىيارىتى ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز، تەيۋەن مەسىلىلىرىدىكى ئىختىلاپى كۈچەيگەن مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ئۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشىدۇر.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جىم ماتتىس شى جىنپىڭ بىلەن چارشەنبە كۈنى خەلق سارىيىدا كۆرۈشكەندە شى جىنپىڭ خىتاينىڭ تىنچلىقنى قوغلىشىدىغانلىقى، ئۇنىڭ قالايمىقانچىلىق چىقىرىش مەقسىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، لېكىن زېمىن مەسىلىسىدە ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، «بىز ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان بىر سۇڭ يەردىنمۇ ۋاز كەچمەيمىز، لېكىن باشقىلارنىڭ بىر غېرىچ نەرسىسىنىمۇ ئالمايمىز» دېگەن. بىراق، شى جىنپىڭنىڭ «ئەجدادلىرىدىن قالغان قايسى زېمىنلار» نى كۆزدە تۇتقانلىقى ئېنىق ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت، ئۇيغۇر رايونى ۋە تەيۋەننىڭ ئەزەلدىن تارتىپ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكى، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ بارلىق قىسمىدا «تارىخىي ئىگىلىك ھوقۇقى» بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا سوتنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارلىرىنى رەت قىلىپ كەلگەن. خەلقئارا سوت 2016-يىلى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىشىنىڭ «تارىخىي ئاساسى» يوقلۇقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جىم ماتتىس مۇخبىرلارغا شى جىنپىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتىنىڭ «ناھايىتى ياخشى» ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بىز يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئىككى تەرەپ ھەربىي مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىدا بىردەك تونۇشقا كەلدۇق» دېگەن. جىم ماتتىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې بىلەن ئۇچراشقان. چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جىم ماتتىسنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىلەر شىمالىي كورېيە، تەيۋەن ۋە جەنۇبىي دېڭىز قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.