ئىككى ھەپتىدىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت نەزىرىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، دۆلەت رەئىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش قېتىم سانى ۋە ۋاقتىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقىنى كۈچكە ئىگە قىلىش 11-مارت كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا رەسمىي قاراردىن ئۆتتى.
يەكشەنبە كۈنى، يەنى 11-مارت كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى قوبۇل قىلىش ھەققىدە بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىلىپ، 2958 قوللاش بېلىتى بىلەن بۇ قانۇن لايىھىسى رەسمىي قوبۇل قىلىنغان. بۇنىڭدا ئاران ئىككىلا قارشى بېلەت ۋە ئۈچ ئۆز ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش بېلىتى بولغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نەتىجىدە، دۆلەت رەئىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش قېتىم سانى ئىككى قېتىمدىن ئاشماسلىقى كېرەك، دېگەن ماددا رەسمىي تۈردە ئاساسىي قانۇندىن چىقىرىۋېتىلگەن.
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاۋازى- «خەلق گېزىتى» بۇ مۇناسىۋەت بىلەن باش ماقالە ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ماددىنى چىقىرىۋېتىشنى ئاقلاپ، بۇنىڭ مەقسىتىنىڭ «ئۆمۈرلۈك ۋەزىپە ئۆتەش تۈزۈمى ئۈچۈن ئەمەسلىكى» نى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق شى جىنپىڭنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى يۇقىرى دەرىجىدە مەدھىيىلىگەن.
ئەمما، خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەر، جۈملىدىن خىتاي مەسىلىلىرى كۆزەتكۈچىلىرى خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنىڭ ئۆزى ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىتلىكى، ھاكىممۇتلەقلىقى ۋە ئۆمۈرلۈك ھوقۇق تۇتۇش يولىغا مېڭىشىنى قانۇنلاشتۇرۇش دەپ قارىماقتا.