خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كارنىيى بولغان «خەلق گېزىتى» 14- ئىيۇل كۈنى خەۋەر بېرىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 12- ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ 13- ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇنغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشتە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، تەڭرىتاغ رايونلۇق گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «باش سېكرىتار شى جىنپىڭ شىنجاڭدا ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پۇختا قەدەملەر بىلەن ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.»
«خەلق گېزىتى» ۋە «خەلق تورى» دا بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى سۈرەتلىك خەۋەردە، شى جىنپىڭنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگىچە كىرىپ، ئۇلار بىلەن خوشال-خورام ھالدا ھەمداستىخان بولغانلىقى؛ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى ئۇيغۇرچە كىيىنگەن بىر توپ ئامما تەرىپىدىن قىزغىن ئالقىشلانغانلىقى؛ خەلق ئاممىسىنىڭ چاۋاق چېلىپ شى جىنپىڭغا ئەگىشىپ كوچىلاردا ماڭغانلىقى» دەك كۆرۈنۈشلەر قىستۇرۇلۇپ، تەشۋىق قىلىنغان. بۇ سۈرەتلەر ئىچىدە يەنە شى جىنپىڭنىڭ بىر توپ قىرغىز سەنئەتكارلار بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرىتىمۇ قوشۇپ كۆرسىتىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇيۇقسىز زىيارىتىنى خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ مەقسىتى، خەلقئارا جەمئىيەتكە شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم، خەلقلەرنىڭ بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى پەردازلاپ كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. ئۇ بۇ زىيارىتى ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا قارىتىۋاتقان تەنقىد ۋە ئەيىبلىشىگە پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ رايوندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رايوندىكى ساقچى دائىرىلىرى ۋە قوراللىق قىسىملارنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويماقچى ھەم ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان.»
دەرۋەقە، يېقىندا ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى بەزى مەخپىي ھۆججەتلەر خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىلىۋاتقان زىيانكەشلىكلەرنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن. ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ بىرىدە 2018-يىلى 6-ئايدا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جاۋ كېجى بۇ نۇقتىنى ئېنىق ۋە قايتا-قايتا تىلغا ئالغان. جاۋ كېجى شۇ قېتىملىق سۆزىدە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېر سىياسىتىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقى، شى جىنپىڭنىڭ لاگېرلارنىڭ ئادەمگە لىق توشۇپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكى، مەركەزنىڭ يېڭى لاگېرلارنى قۇرۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ لاگېر ساقچىلىرىنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ئۈچۈن مالىيە راسخودى ۋە باشقا شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق تىلغا ئالغان.
مەزكۇر ھۆججەتلەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغاپ، شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنىڭ باش قوماندانى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشقان ئىدى. بۇ قېتىم شى جىنپىڭنىڭ تۇيۇقسىز ئۈرۈمچىگە تەكشۈرۈشكە كېلىشى، ھەر ساھەدىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.