سانجىدىكى بىر خىمىيە زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەرگەن

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پەيشەنبە كۈنى سانجىدىكى بىر خىمىيە زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 1 ئادەم ئۆلگەن، 31 ئادەم يارىلانغان.

يەرلىك دائىرىلەر بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، زاۋۇتتىكى ئىشچىلار تۇرۇبىلاردا مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا يۇقىرى بېسىملىق گاز چىقىپ كېتىپ پارتلاشقا سەۋەب بولغانلىقىنى، ۋەقەنىڭ شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 7:00 دە يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يارىلانغان 31 كىشى ئىچىدە 18 نەپىرىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن. دائىرىلەر پارتلاش ئۈستىدە ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سانجىدىكى بۇ پارتلاش ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى باشقا مۇستەقىل خەلقئارا مەتبۇئاتلار تەرىپىدىن تېخى دەلىللەنمىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتلەر ياكى يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش پارتلاش ۋەقەلىرىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگىمۇ چەكلىمە قويىدىغان بولۇپ، ئاپەت رايونلىرى ۋە ياكى ۋەقە مەيدانلىرىغا ئاخباراتچىلارنىڭ، بولۇپمۇ چەتئەل ئاخباراتچىلىرىنىڭ كىرىشى چەكلىنىپ كەلگەن. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىساللىرى 2011-يىلى يۈز بەرگەن ۋېنجۇ تېز سۈرئەتلىك پويىز ۋەقەسى ۋە 2015-يىلى تيەنجىندە يۈز بەرگەن زور پارتلاش ۋەقەسى قاتارلىقلاردۇر.