خىتاينىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدە بىر خىمىيە زاۋۇتى پارتلاپ كېتىپ ئاز دېگەندە 62 ئادەم ئۆلگەن

21‏-مارت كۈنى خىتاينىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچىڭ شەھىرىدە بىر خىمىيە زاۋۇتى پارتلاپ كېتىپ، 62 ئادەم ئۆلگەن، 600 ئادەم يارىلانغان.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 22‏-مارت كۈنى ساقچىلار مەزكۇر زاۋۇتنىڭ بەزى خادىملىرىنى تۇتقۇن قىلغان. خىتاي يەر تەۋرەشنىڭ كۆزىتىش ئىدارىسى پارتلاشنىڭ 2.2 بال تەۋرەش پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، پارتلاشتا زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ھاۋا ۋە سۇغا ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ئەندىشە ياراتقان ئىكەن. ۋەقەدە 90 دەك ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى، يارىدارلارنىڭ ئىچىدە زاۋۇتنىڭ باش دىرېكتورىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، يەنچىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 22‏-مارت كۈنى بەزى شىركەت خادىملىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن تۇتقۇنلارنىڭ سانىنى ئېلان قىلمىغان. نۆۋەتتە پارتلاشقا نېمىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بىر ئىشچىنىڭ خىتايدىكى «مالىيە خەۋەرلىرى» گېزىتىگە تەكىتلىشىچە، پارتلاشنى تەبىئىي گاز توشۇيدىغان بىر ماي باك ئاپتوموبىلىغا ئوت كېتىپ، ئوتنىڭ ئەتراپىدىكى بېنزىن ئامبارلىرىغا تۇتۇشۇپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

مەزكۇر زاۋۇت ئاساسلىقى ھاشارات دورىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا بولۇپ، 2007‏-يىلى قۇرۇلغان ئىكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىنى ساقلاش تارماقلىرى ئۆتكەن يىلى مەزكۇر زاۋۇتتا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدە 13 خىل بىخەتەرلىك مەسىلىسى بار، دەپ بېكىتكەن ئىكەن. مەزكۇر پارتلاش خىتايدا يېقىنقى 4 يىلدىن بېرى يۈز بەرگەن ئەڭ قاتتىق پارتلاش ۋەقەلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. خىتايدا 2015‏-يىلى تيەنجىندىكى بىر ئىسكىلاتتا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 173 ئادەم ئۆلگەن ئىدى.