«شىنجاڭلىق» خىتاي مىليادېرنىڭ ئامېرىكانىڭ تېكساس شىتاتىدىن زېمىن سېتىۋېلىشى كۈچلۈك قارشىلىق قوزغىغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.08.13

«فوربېس» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2016-يىل «گۇاڭخۇي ئۆي-مۈلۈك شىركىتى» نىڭ دىرېكتورى، مىليادېر سۇن گۇاڭشىننىڭ ئامېرىكادىكى بىر تارماق شىركىتى 110 مىليون دوللار ئاجرىتىپ، تېكساس شىتاتىدىن زېمىن سېتىۋالغان. سۇن گۇاڭشىن بۇ تارماق شىركىتى ئارقىلىق ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تېكساس شىتاتىنىڭ مېكسىكا چېگرىسىغا يېقىن ۋال ۋېرد ناھىيەسىدىن تەخمىنەن 140 مىڭ ئاكر (ئىنگىلىز موسى) سېتىۋالغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 15 مىڭ ئىنگىلىز مو يەرنى ئامېرىكانىڭ بىر شامال ئېنىرگىيەسى ئېلىكتىر شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشقا ئىشلەتكەن، كېيىن بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تېكاس شىتاتىنىڭ ئېلىكتىر تورىغا قېتىلغان.

2019-يىل سۇن گۇاڭشىن توك چىقىرىدىغان 46 دانە چاقپەلەكنى كۆپەيتمەكچى بولغاندا، شۇ ئەتراپتىكى ئاھالىلەر ۋە مۇھىتنى قوغدىغۇچىلار ئۇنىڭغا قارشى چىققان. بىر خىتاي شىركىتىنىڭ شامال ئېنىرگىيەسىى ئېلىكتىر ئىستانسىسىنى كونترول قىلىشى تېكساسنىڭ ئېلىكتىر تورىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ، ھەتتا ئۇنى پالەچ قىلىپ قويىدۇ، دەپ قارالغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە، سۇن گۇاڭشىننىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن بولۇپ، ئۇنىڭ قولىدىكى گۇاڭخۇي گۇرۇھى ئۈرۈمچىدىكى ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ 60 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن ۋە 10 غا يېقىن دۆلەت كارخانىلىرىنى سېتىۋالغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۆلىشى بىلەن بېيىغان سۇن گۇاڭشىن، ئامېرىكادىكى تارماق شىركىتىگە مەخسۇس ھەربىي ۋە مەمۇرىي خادىملارنى ئىشلەتكەن. بۇ ئەھۋال تېكساستىكى سىياسەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، تېكساس شىتاتىدىن بولغان سابىق دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ۋىل ھارد بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە يېزىپ، سۇن گۇاڭشىننىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرغان.

بۇ يىل 6-ئاينىڭ 7-كۈنى تېكساس شىتاتىنىڭ باشلىقى شىتات مەجلىسى ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە «تەنھا يۇلتۇز ئۇل ئەسلىھە قوغداش قانۇن لايىھەسى» نى ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ قانۇننىڭ مەقسىتى «دۈشمەن دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تېكساس شىتاتىنىڭ ئېلىكتېر تورى ۋە باشقا مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئىكەن. بۇ قانۇن لايىھەسى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، نەچچە يىلدىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خۇسۇسىي شىركەت قۇرۇپ بېيىغان مىليادېر بايلىرىغا بىر-بىرلەپ قول سېلىشى خىتاي بايلىرىنىڭ چەت ئەلگە قېچىشىغا، ئەڭ بۇرۇن ئامېرىكانى تاللىشىغا سەۋەب بولغان، ئامېرىكامۇ بۇنىڭدىن مەنپەئەت ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كومپارتىيەسى بېقىپ سەمرىتكەن سۇن گۇاڭشىندەك مىليادېرلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك جايلارنى تاللاپ زېمىن سېتىۋېلىشى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشى، ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيانلىق ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.