ئىچكىرى خىتايدىكى «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى»نىڭ مەسئۇل خادىملىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»لەر ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلەر»گە قارشى كۈرەشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ھەرىكەتلىرى ئەۋجى ئېلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە يەنە ئىچكىرى خىتاي شەھەرلىرىدىكى «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى»دا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان ئىدىيەۋى تەربىيەنى كۈچەيتىشمۇ جىددى كۈنتەرتىپتە تۇرماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، 11-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشىدا «ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ ئەخلاق تەربىيەسى ۋە ئىدىيەۋى-سىياسى تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەش كۇرسى» ئوقۇش باشلىغان.

مەزكۇر تەربىيەلەش كۇرسىغا پۈتۈن خىتاي بويىچە 14 ئۆلكىدىكى مەخسۇس «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى» ئېچىۋاتقان 100 دىن ئارتۇق مەكتەپنىڭ رەھبەرلىرى،باشقۇرۇش ۋە ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملىرىدىن 114 ئادەم قاتناشقان.

بۇ كۇرستا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى، مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات ئەھۋالى، دىنىي ۋە مىللىي سىياسەت ھەم باشقا كۆپ تەرەپلەردىن دەرس بېرىلىدىكەن.

«خىتاي ئۇچۇر تورى»دىكى خەۋەردە مەزكۇر كۇرسنى ئېچىشتىكى مەقسەتنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان «چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى < ئۈچ خىل كۈچلەر>نىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا سىڭىپ كىرىشىدىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىيەتتە، ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە زۆرۈرىيە تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش»ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئەمما، ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىچكىرى خىتايدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۆز ئانا تىلى، مىللى ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە دىنى ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىش پىكىرلىرى ھەم تەشەببۇسلىرىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆز مىللى كىملىكى ۋە ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.