ماركسىزم ۋە ماۋ زېدوڭ ئىدىيەسىنى قىبلىنامە قىلىپ، دىنسىزلىقنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشۋىق قىلىپ كەلگەن خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ خىتايدىكى ھۆكۈمرانلىقى 70 يىلغا يېقىنلاشقاندا خىتاي پۇقرالىرىدا كۆرۈلۈۋاتقان دىنىي قىزغىنلىقتىن قاتتىق بىئارام بولماقتىكەن.
«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدا ھازىر خىرىستىيان ۋە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ سانى 80 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ سان خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەزا بولغان كوممۇنىستلارنىڭ سانىغا يېقىنلاشقان.
ئامېرىكىدىكى خىتايشۇناسلارنىڭ مۆلچىرىگە قارىغاندا، خىتايدىكى خىرىستىيان مۇرىتلىرى شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، 2030 - يىلىغا بارغاندا ئۇلارنىڭ سانى 250 مىليونغا يېتىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي دۇنيادىكى خىرىستىيان دىنى مۇرىتلىرى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلىنىدىكەن.
خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن يېقىندا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «ئۆگىنىش گېزىتى» دە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ ماقالىسىدە: «ئىلگىرى خىتايدا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئىچىدە ياشانغانلار، ئاياللار، يېزا ئاھالىلىرى، تۆۋەن كىرىملىكلەر ۋە مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەنلەر كۆپ ساننى ئىگىلەيتتى. ھازىر ئەھۋال ئۆزگەردى. نۆۋەتتە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئىچىدە ياشلار، شەھەر ئاھالىلىرى، يۇقىرى كىرىملىكلەر ۋە يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە كىشىلەر شىددەت بىلەن كۆپەيمەكتە،» دېگەن.
ئىگىلىنىشىچە، خىتايدا خىرىستىيان مۇرىتلىرىدىن سىرت تىبەت بۇددىزىمىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خىتايلارمۇ كۆپەيمەكتىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار، تۇڭگانلار ۋە باشقا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەردە پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن دىنىي ئېتىقادىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئىرادىسىنىڭ كۈچىيىشى خىتاي كومپارتىيەسىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتىكەن.