خىتاي يېزا - ئىگىلىك بانكىسى 4 - نويابىر كۈنى نيو - يوركتىكى بانكا باشقۇرغۇچىلارغا 250 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى جازا تۆلەمى تۆلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مەلۇمكى، يېزا - ئىگىلىك بانكىسى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ بانكىلارنىڭ بىرى بولۇپ، يېقىندا نيو - يوركتىكى بانكا باشقۇرغۇچى ئورگان خىتاي يېزا ئىگىلىك بانكىسىنى پۇل يۇيۇشقا قارشى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان، دەپ سوتقا ئەرز قىلغان. بۇنىڭ بىلەن جۈمە كۈنى خىتاي يېزا - ئىگىلىك بانكىسى بايانات ئېلان قىلىپ، 250 مىليۇن دوللارلىق جازا تۆلەمىنى تۆلەشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا مالىيە مۇلازىمىتىنىڭ نيو - يورك شۆبىسى يېقىندا خىتاي يېزا - ئىگىلىك بانكىسىنىڭ يوشۇرۇنچە پۇل يۇيۇش ئېلىپ بېرىپ ئامېرىكىنىڭ پۇل يۇيۇشنى چەكلەش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بايقىغان.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي يېزا - ئىگىلىك بانكىسى بۇ سەتچىلىكنىڭ خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، جازا تۆلەمىنى تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.