ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پەيشەنبە كۈنى يىغىن چاقىرىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر رايونى ۋەكىللىرىنى «سايلاپ» چىققان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىغا بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىدىن 43 ۋەكىل قاتنىشىدىكەن. بۇ 43 ۋەكىل پەيشەنبە كۈنكى يىغىندا «سايلاپ» چىقىلغان.
خەۋەردە، بۇ 43 ۋەكىلنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇرو دائىمىي ئەزاسى، خىتاي سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى يۈ جىڭشېڭ بىلەن خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەردە، قەيت قىلىشىچە، يۈ جىڭشېڭ بىلەن ئەركىن ئىمىرباقىنى مەركەز نامزات قىلىپ چۈشۈرۈپ بەرگەن. ئەركىن ئىمىرباقىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن ۋەكىل بولۇپ سايلىنىشى چۈشىنىشلىك بولسىمۇ، بىراق يۈ جىڭشېڭنىڭ مەزكۇر رايوندىن ۋەكىل بولۇپ سايلىنىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. يۈ جىڭشېڭ خىتاي مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرېتارى جۇ يۈڭكاڭدىن كېيىن پارتىيە قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇر رايونىدىن ۋەكىل بولۇپ قاتنىشىدىغان 2-سىياسىي بيۇرو دائىمىي ئەزاسى.
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 2012-يىلىدىكى 18-قۇرۇلتىيىدا جۇ يۈڭكاڭ ئۇيغۇر رايونىدىن ۋەكىل بولۇپ سايلانغان. بىراق ئۇ بىر يىلدىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ، 2015-يىلى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
جۇ يۈڭكاڭ يىقىلغاندىن كېيىن «شىنجاڭ خىزمىتى» نى باشقۇرۇشنى يۈ جىڭشېڭ ئۈستىگە ئالغان. بىراق خەۋەردە، خىتاينىڭ 19-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر رايونى ۋەكىللىرىنىڭ مىللىي تەركىبى، يۈنىڭ پارتىيە قۇرۇلتىيىغا نېمە ئۈچۈن بېيجىڭ ياكى ئۇ ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان شەندۇڭ، خۇبېي، شاڭخەي ۋە ياكى تۇغۇلغان يۇرتى شەنشىدىن ئەمەس، ئۇيغۇر رايونىدىن ۋەكىل بولغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.