خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 29 - ئىيۇل جىددىي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدا تۈرمىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى رېن چۈەننيۇنىڭ قىيىن - قىستاققا ئېلىنىش خەتىرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇنىڭغا قارشى دەرھال ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىدى.
نۆۋەتتە جېڭجۇ شەھەرلىك 3 - تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قاماقلىق رېن چۈەننيۇ يېقىندا قولغا ئېلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جاۋ ۋېينىڭ ئادۋوكاتى بولۇپ، ئۇ، جاۋ ۋېينىڭ تۈرمىدە ساقچىلارنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىشىغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 9 - ئىيۇل «جېدەل چىقىرىپ، قالايمىقانچىلىق تۇغدۇردى» دەپ ئەيىبلىنىپ تۇتۇپ كېتىلگەن.
جېڭجۇ ساقچى دائىرىلىرى رېن چۈەننيۇنىڭ ئۆزىنىڭ «جىنايىتى» نى ئىقرار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ 11 - ئىيۇل ئوز ئادۋوكاتىغا بۇنىڭ يالغانلىقىنى ئېيتقان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتىدا، ئۇنىڭ 11 - ئىيۇل كۈنى تۈرمىگە ئۆزىنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەن ئادۋوكاتى بىلەن بىر قېتىم كۆرۈشتۈرۈلگەندىن بۇيان، سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
باياناتقا قارىغاندا، 16 - ئىيۇل ئۆزىنى جاۋ ۋېينىڭ ئادۋوكاتى، دەپ ئاتىغان جى خۈييۈن ئىسىملىك بىر كىشى «ۋېيبو» غا رېن چۈەننيۇنىڭ يازغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر پارچە خەتنى چاپلىغان.
رېن چۈەننيۇنىڭ 15 - ئىيۇل ئىمزا قويغانلىقى كۆرسىتىلگەن بۇ خەتتە، ئۇنىڭ جاۋ ۋېينىڭ تۈرمىدە ساقچىلارنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىك قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىدىن ئىبارەت ساختا ئۇچۇرنى يوللىغانلىقىدىن تۇرمە دائىرىلىرىدىن ئەپۇ سورىغانلىقى يېزىلغان ئىكەن.
رېن چۈەننيۇ ئائىلىسى تاپقان ئادۋوكاتلاردىن ۋۇ كۇيمىڭ ۋە ما ليەنشۈنلەر 28 - ئىيۇل تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن 11 كۈندىن بۇيان ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتىشقان.
باياناتتا كۆرسىتىشىچە، رېن چۈەننيۇنىڭ دوستلىرى ئۇنىڭ تۈرمىدە مەزكۇر خەتنى يېزىشقا مەجبۇرلانغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يۇقىرى سەۋەبلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، رېن چۈەننيۇنىڭ تۈرمىدە قېيىن - قىستاققا ئېلىنىش، تەن جازاسىغا ئۇچراش خەتىرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە جېڭجۇ شەھەرلىك تۇرمە دائىرىلىرىگە مەكتۇپ يوللاپ، چۈەننيۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشقا دەۋەت قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنى يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن. بۇ جەرياندا 200 دىن ئارتۇق ئادۋوكاتىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، بىر قىسىملىرىنىڭ تەھدىت سېلىنغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، يەنە 20 نەپىرىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.