بۈگۈن، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەندىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جياڭ تيەنيوڭ مەسىلىسىدە ئەيىبلىدى.
ئۇلار، 1-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ جياڭ تيەنيوڭ ئائىلىسىنىڭ ئۇنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى قايتا-قايتا مەلۇم قىلىشىغا قارىماي، ھەرىكەتكە ئۆتمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ يوقاپ كېتىشىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قولى بولۇشى مۇمكىنچىلىكىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.
بايانات قىلغۇچىلار يەنە خەلقئارا جامائەتنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ غايىب قىلىنىش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.
جياڭ تيەنيوڭ 21-نويابىر كۈنى چاڭشا شەھىرىگە شۇ جايدىكى قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى شيې ياڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيارەت قىلغىلى بارغان بولۇپ، ئۇ قايتىپ كېلىش ئۈچۈن پويىزىغا ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن ئايالى بىلەن ئالاقىلەشكەن. بىراق، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان. جياڭ تيەنيوڭ ئىلگىرى نۇرغۇن سەزگۈر سىياسىي دېلولارنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، داڭ چىقارغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ بىرى. ئۇ، شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، ۋەقەگە قاتناشقان دەپ قارالغان ئۇيغۇرلارنى كەڭ-كۆلەملىك سوتلىشىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.
جياڭ تىيەنيوڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن مەخپىي ھالدا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن گۇمانلىنىۋاتقان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى جياڭ تىيەنيوڭنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە تەرەپسىز، ئېنىق مەلۇمات بېرىشكە چاقىرماقتا.