ئاتاقلىق خىتاي ئادۋوكات جياڭ تيەنيۇڭ «ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇپ تۇرۇلغان. جياڭ تيەنيۇڭ بۇ يىل 11-ئايدا چاڭشادا ئىز -دېرەكسىز غايىب بولغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇنىڭ چاڭشادىكى بىر ئورۇندا نەزەربەند قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، جياڭ تيەنيۇڭنىڭ ئادۋوكاتى چىن چېڭشۇ، بۇ، دائىرىلەرنىڭ جياڭ تيەنيۇڭنى رەسمىي ئەيىبلىشىگە يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي «قانۇن گېزىتى» ئۆتكەن ھەپتە ماقالە ئېلان قىلىپ، جياڭ تيەنيۇڭنىڭ يېنىدىن دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ئائىت ماتېرىياللار تېپىلغانلىقىنى، ئۇ، بۇ ماتېرىياللارنى چەتئەلگە ئەۋەتمەكچى، دەپ گۇمان قىلىنىىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن جياڭ تيەنيۇڭنىڭ ئادۋوكاتى جۈمە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، سوتنىڭ ھېچقانداق ھۆكۈمى يوق تۇرۇپ، ئۇنىڭ بۇنداق ئەيىبلىنىشى بىنورمال ئەھۋال دېگەن. جياڭ تيەنيۇڭ ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق دېلولىرىنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى.
ئۇ يەنە، ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى، خىتاينىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى»دە ئالاھىدە سوت مەھكىمىلىرىنى قۇرۇپ، نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك سوتلىشى، ئاممىۋى سوت ئېچىپ جازالىشى قاتارلىقلارنى «قانۇنسىزلىق» دەپ ئەيىبلىگەن.
ب د ت نىڭ نامراتلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارى فىلىپ ئالستون بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئۇنىڭغا غايىب بولۇشىنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، بۇ يىل 8-ئايدا خىتايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.