ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 11-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا قانۇنلارغا رىئايە قىلىش ھەمدە دېڭىز بوشلۇقىدىكى ئىغۋاگەرلىك قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى.
«ھەپتىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئانتونى بىلىنكېن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ غەربىي تىنچ ئوكياندىكى ئىتتىپاقداشلىرىدىن فىلىپپىن تەھدىتكە دۇچ كەلسە ئۆزلىرىنىڭ قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە ئېنىق قىلىپ: «بىز شۇنى قايتا-قايتا تەكىتلەيمىزكى، ئەگەر فىلىپپىن قوراللىق ھۇجۇمغا دۇچ كەلسە ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۆزلىرىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق ئەھدىنامىسىدىكى قوراللىق مۇداپىئە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ» دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 10-ئىيۇل كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا چاقىرىلغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى بىرلەشمىسى (ASEAN) نىڭ يىللىق يىغىنىدا «سىلەر ھەرگىزمۇ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قولىدىكى پېچكا بولۇپ قالماسلىقىڭلار لازىم» دېگەن سۆزىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان.
«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 11-ئىيۇلدىكى باش ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش چاقىرىقىنى ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبانىز (Anthony Albanese) مۇ ئوتتۇرىغا قويغان. ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىۋاتقان ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى «يۇمشىتىش» ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بىر سۆھبەت تەكلىپىنى ھەمدە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى «ئورۇنداشقا تېگىشلىك ئىشلار تىزىملىكى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ مەسىلە ھەققىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئانتونىي ئالبانېز ئېنىق قىلىپ: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرگە جاۋاب بەرمەيمىز. بىز مۇمكىن بولغاندا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىمىز، ئەمما زۆرۈر بولغاندا ھەرقاچان ئاۋسترالىيەنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن دەست تۇرىمىز» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلەر ئىچىدە «ئاۋسترالىيە خىتاينى رەقىب ئەمەس، ئەكسىچە شېرىك دەپ قاراش، پەرقلەرنى ساقلاپ قالغان ھالدا ئورتاق پىكىر ئىزدەش، ئۈچىنچى بىر دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالماسلىق» دېگەن شەرتلەر بار ئىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بۇ سۆزلەرنى ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېننىي ۋوڭ (Penny Wong) بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېيتقانىكەن. نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرى ھەققىدە كۆپلىگەن تەھلىللەر ئوتتۇرىغا چىقماقتىكەن.