ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى خىتاينى ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.04.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا مۇداپىيە مىنىستىرى لويىد ئوستىن (Lloyd Austin) خىتاي مۇداپىيە مىنىستىرى ۋېي فېنگې بىلەن تۇنجى قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ باياناتچىسى جون كىربىينىڭ بىلدۈرۈشىچە، 20-ئاپرىل چارشەنبە كۈنى سىن ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سۆھبەتنىڭ مۇھىم نوقتىسى خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزىنى قوللاش مەسىلىسى بولغان. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ئوستىن، ئەگەر خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزىنى ھەرقانداق يوسۇندا قوللىسا، ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بۇ يىل 3-ئايدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، بۇ مەسىلە ھەققىدە شى جىنپىڭنى بىۋاستە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئوستىننىڭ بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشى ئامېرىكانىڭ بۇ جەھەتتىكى مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ئوستىن سۆھبەتتە يەنە خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكى، جەنۇبىي دېڭىز ۋە شەرقىي دېڭىزدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدا بارغانسېرى ئوسال ئەھۋالدا قېلىشى، بولۇپمۇ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيەنى ئىقتىسادىي جازالار بىلەن جازالىشى خىتاينىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋاتقان بولۇپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21-ئاپرىل كۈنىدىكى نۇتۇقىدا بۇ ھەقتە ئالاھىدە توختالغان. ئۇ سۆزىدە كورونا ۋىرۇسى ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيادا قوزغالغان «مۇناسىۋەتنى ئايرىش» يۈزلىنىشىنى ئەيىبلەپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.