رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، 23 - ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى خېنەندىكى قان بېرىش سەۋەبىدىن يۇقۇملانغان ئەيدىز بىمارلىرىدىن 150 تىن ئارتۇق كىشى، خېنەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا يىغىلىپ، ھۆكۈمەتتىن ئۇلارنىڭ داۋالاش چىقىمىنى ۋە ئەينى چاغدا ۋەدە قىلىنغان تۆلەم پۇلنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، سەيشەنبە كۈنى خېنەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئالدىغا يىغىلغان ئەيدىز بىمارلىرى ئاۋال سىچۈەن يائەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشكە ئىئانە توپلاش نامىدا ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا يىغىلغان. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەيدىز بىمارلىرى ئۇزۇن ساقلىغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقمىغاندىن كېيىن، يامغۇرلۇق كۈندە پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان ئەيدىز بىمارلىرى «بىز زىيانكلەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار. بىز قۇتقۇزۇشقا مۇھتاج، بىزگە تۆلەم تۆلەپ بېرىلسۇن!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
رادىئومىزغا ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر كىسەلدىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمى كىيگەن، قوللىرىغا كالتەك ۋە قالقانلارنى ئالغان نەچچە يۈزلىگەن قوراللىق ساقچىلارنى ئەۋەتىپ، ئەيدىز بىمارلىرىنى مەيداندىن تارقىتىشقا ئۇرۇنغان. نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا نەچچە ئونلىغان ئادەم يارىلىنىپ، نامايىش باشچىلىرىدىن 5 - 6 نەپىرى تۇتقۇن قىلىنغان.