مارىئون سىمىس: «خىتاي ئەمەلىيەتتە كۆرۈنگىنىدىن جىق ئاجىز!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.10.01

خىتايدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ جەرياندا قانداق ئاتالمىش «شانلىق تەرەققىيات» لارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى تەبرىكلىنىۋاتقاندا خىتاينىڭ ئۆتكەن 70 يىللىق مۇساپىسىنى خۇلاسىلىگەن چەتئەل ئانالىزچىلىرى «خىتاي قۇدرەتلىك سىياقتا كۆرۈنگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆپ ئاجىز» دەپ خۇلاسە چىقارماقتا. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كوممۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە ۋەخپى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مارىئون سىمىس 30-سېنتەبىر كۈنى «دۆلەتلىك باھا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا مۇشۇ نۇقتا ئالاھىدە شەرھىلىنىدۇ.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ھاكىممۇتلەقلىق 69 يىل داۋام قىلىپ 1991-يىلى پۈتۈن ئىتتىپاق ھالاك بولغان. ئەمما خىتاي ئۆزىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقاندا بۇ خىل «قېرىلىق» نىڭ ئالامىتى ئۇنىڭدا كۆرۈنگەندەك قىلمايدۇ، شۇنداقلا ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتە ناھايىتى قۇدرەتلىك قىياپەتتە دۇنياغا ئۆزىنى نامايان قىلىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرلىرى ئىقتىسادىي چېكىنىش، خەلقئارادىكى تەسىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ خەلققە بولغان كونتروللۇقىنىڭ سۇسلىشىشى دېگەنلەر ئوتتۇرىغا چىققان بولسا، ھازىر خىتاي مىليونلاپ ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماپ، پۈتكۈل خەلققە قارىتا مۇتلەق كونتروللۇق ۋە نازارەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغان.

ئاپتور مۇشۇلارنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئەينى ۋاقىتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيادىن ئۆزىنى تارتىش ئىستراتېگىيەسىنى قوللانغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ بولسا ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، ئامېرىكا چېگراسىدىن ھالقىپ ئامېرىكىنى ئېكىسپىلاتتاتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى سەمرىتكەنلىكى بايان قىلىدۇ. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، مانا مۇشۇ جەرياندا خىتاي پەن-تېخنىكا، ئىقتىساد، مۇداپىئە، سودا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە بىردەك ئامېرىكىغا تايىنىدىغان، ئامېرىكا بولمىسا ھېچ ئىش قىلالمايدىغان بولۇپ قالغان. خىتاينىڭ ئۆزىدە بولسا تەرەققىياتقا تۈرتكە بولغۇدەك ھېچقانداق ئاساس مەۋجۇت ئەمەس. بۇ بولسا ماھىيەتتە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئاپتور ئالاھىدە تەكىتلىگەن يەنە بىر نۇقتا شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىكتاتورىلىقى خەلقنى يېتەرلىك تۇنجۇقتۇرۇپ بولغان. گەرچە ھۆكۈمەت مەلۇم دائىرىدە «ئىقتىسادىي ئاپتونومىيە» گە يول قويسىمۇ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆز ئارمانلىرىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ياكى ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشى خىتايدا مۇمكىن ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن خىتايدا ھەممىلا ئاتا-ئانا بالىلىرىنى ئامېرىكىغا ماڭدۇرۇۋېتىشكە تەشنا. ئۇلارنىڭ بارلىق پۇللىرى بولسا غەرب بانكىلىرىغا يۆتكىۋېتىلگەن. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ ئەڭ سەرخىل ياشلىرى خىتاينى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكانى ئاخىرقى تاللاش قىلغان.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە ترامپ ھۆكۈمىتى دەل مۇشۇ ئامىللارنى نەزەرگە ئېلىپ خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى بۇزۇپ تاشلاشنى ئويلاشماقتا ئىكەن. يەنە كېلىپ خىتاينىڭ پاي چېكى بازىرى بىر ئىزدا توختاپ قالغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي نۆۋەتتە ئۆتكەن 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان. ناۋادا خىتاينىڭ مانا مۇشۇ خىل ئامېرىكىغا تايىنىشچان كومۇنىزىمچە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى بۇزۇلسا ئۇنىڭ تايانغۇدەك تاشقى تىرىكى مەۋجۇت بولماي قالىدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاي ھازىر ئىنسان ھەقلىرى ياكى دۆلەت بىخەتەرلىكى دېگەنلەرگە ئەمەس، بەلكى سودا ئۇرۇشىغا بەكرەك زېھىن قويماقتا ئىكەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا يۇغۇرى قاتلىمىدىكىلەر ئارىسىدا «خىتاي پارچىلىنىپ كەتسە دۇنيا ئۈچۈن چوڭ بىر مالىمانچىلىق بولىدۇ» دېگەن قاراش خېلى ئوبدانلا سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. ئەمما ئاپتور: «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى ئەركىنلىك، پاراۋانلىق ۋە تىنچلىقنى ئاپىرىدە قىلدى. قىزىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھالاكىتىمۇ خىتاي خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىگە يول ئاچىدۇ. بۇ ئامېرىكىغىمۇ تېگىشلىك مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ. كومۇنىزىم ئىدېئولوگىيەسىدىن ئىبارەت بۇ پارازىت ئەمدى بۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ياشىيالمايدۇ» دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.