خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكاغا ۋە دۇنياغا ھەر جەھەتتىن تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئامېرىكانىڭ بۇنىڭغا چوقۇم تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكى ئامېرىكادا بايدىن ھۆكۈمىتى ئىشقا چۈشكەن مەزگىلدە بولۇۋاتقان ئەڭ كۈچلۈك مۇنازىرىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
شۇنداق مۇلاھىزىلەرنىڭ بىرى «پولىتكو» گېزىتىنىڭ 28-يانۋار كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىندى. «خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا دىققىتىنى شى جىنپىڭغا مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك» ماۋزۇسىدا يېزىلغان ماقالىدە «بارغانسېرى مۇستەبىتلىشىۋاتقان خىتاي ئامېرىكا 21 – ئەسىردە دۇچ كەلگەن ئەڭ مۇھىم خىرىس»، دەپ تەسۋىرلەنگەن. شۇنداقلا «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا ئىلگىرىكى ھەرقانداق ھۆكۈمەتتىن بەك زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك» دېىيىلگەن.
«پولىتكو» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ماقالىنى بىر نەپەر سابىق ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى يازغان بولۇپ، ئۇ مۇلاھىزىسىنىڭ ئىسىمسىز ئېلان قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغانىكەن.
ئاپتور ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە ھەربىي كۈچى، تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكاغا پۈتۈنلەي قارشى بولغان دۇنيا قارىشىنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە پۈتۈنلەي زىتلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە: «بۇ يېقىنقى 20 يىلدا تەدرىجىي بارلىققا كەلگەن قۇرۇلما خاراكتېرلىك رىقابەت. بىراق شى جىنپىڭنىڭ كۈچىيىشى بۇ رىقابەتنى زور دەرىجىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، ۋاقىت جەدۋىلىنى تېزلەتتى» دېگەن.
ماقالىدە ئاپتور شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئىچىدە ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەپ، خىتاي مىللەتچىلىكىنى كۈچلەندۈرگەن بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ ؛ «شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىدىكى خىتاي بارغانسىرى يېڭى شەكىلدىكى مۇستەبىت ساقچى دۆلىتىگە ئوخشاپ قالدى، شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىنى، مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تاشقى سىياسىتىنى ۋە ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ چېگراسىدىن ھالقىپ دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى»، دېگەن.
ئاپتور: «شى جىنپىڭ ئامېرىكا ئۈچۈنلا مەسىلە ئەمەس. بەلكى ئۇ پۈتكۈل دېموكراتىك دۇنياغا ئېغىر خىرىس ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ شى جىنپىڭغا قاراتقان سىياسىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر گەۋدىلەشكەن، ھەرئىككى پارتىيە قوللايدىغان دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ھازىرقى ئەڭ جىددىي مەسىلە» دەپ كۆرسەتكەن.