خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا مۇخبىرىغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ داڭلىق مۇخبىرلىرىدىن بېسانىي ئىبراھىمىيان تاپشۇرغان ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلغان ھەمدە ئۇلارغا باشقا مۇخبىر ئەۋەتىشنى ئۇقتۇرغان.

«بازفىد خەۋەرلىرى» تورىدا 18-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا بېسانىينىڭ ۋىزا ئىلتىماسىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنىڭ ماھىيەتتە «خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەنقىدچىلەردىن ئىنتىقام ئېلىشى» ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكالىق مۇخبىر بېسانىينىڭ ئۆتكەن يىلى تاپشۇرغان ۋىزا ئىلتىماسى يېقىندا نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رەت قىلىنغان. بېسانىي بولسا بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «شۈبھىسىزكى، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەن يازغان خەۋەرلەردىن راھەتسىز بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئۇلار دەل خىتاي كومپارتىيىسى يوشۇرۇپ كەلگەن ئەھۋاللار ئىدى،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بېسانىي ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا ئىزچىل خىتايدىكى نازۇك تېمىلار ھەققىدە خەۋەر ۋە ماقالىلەر يېزىپ كەلگەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «خىتايدىن چىققان سالمان راشىد: پەرھات تۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى» قاتارلىق بىر قىسىم ماقالىلىرىدە خىتاي كومپارتىيىسى ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ھالدا تەنقىدلەنگەن. ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا فرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا گويتېر، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى پائۇل مۇنېي، بازفىد ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى مېخا راجاگوپالان قاتارلىقلار بۇ خىلدىكى تەنقىد تۈپەيلىدىن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ «ئۆچ ئېلىشى» دۇچ كەلگەن ئىدى.