ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىننىڭ ئامېرىكالىقلارنى خىتاينىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشتىن چەكلەيدىغان مەمۇرىي بۇيرۇقنى ئېلان قىلىشى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ سوۋۇتۇشى مۇمكىنكەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن 9-ئاۋغۇست كۈنى مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئامېرىكالىقلارنى خىتاي، خوڭكوڭ ۋە ماكاۋ (ئاۋمېن) دىكى سۈنئىي ئەقىل، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە كىۋانت تېخنىكىسى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش ۋە سودا قىلىشتىن چەكلىگەن. مەمۇرىي بۇيرۇقتا يەنە، خىتاي بىلەن بولىدىغان ئادەتتىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە باشقا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى سودىسىنى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىگە سۇنۇش تەلەپ قىلىنغان ئىدى. بۇ چەكلىمە ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە ئامېرىكادا ئولتۇرغۇچىلارنى بىردەك ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» دا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە دېيىلىشىچە «بۇ مەمۇرىي بۇيرۇق تار دائىرىدە ھەربىي، كۆزىتىش ۋە تور ئىقتىدارىغا ئىگە ھالقىلىق ۋە ئەڭ يېڭى تېخنىكىلارنى نىشان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئامېرىكا كاپىتالىنىڭ ئېقىمى ۋە تەجرىبىسىنى خىتايدىن يىراقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.»
ئامېرىكا ئاقساراي ئەمەلدارلىرى بۇ مەمۇرىي بۇيرۇقنىڭ «خىتاينى ئامېرىكالىق تەۋەككۈل مەبلىغى ۋە خۇسۇسىي پاي ھوقۇقى شىركەتلىرىنىڭ ئۆز مەبلىغى بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىدىغان بىلىم-تېخنىكا، بازارغا ئېرىشىش ۋە باشقا پايدىلاردىن چەكلەشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.
مۇلاھىزىدە دېيىلىشىچە، «بۇ بۇيرۇق خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئاجىزلاۋاتقان، كوۋىد سەۋەبىدىن خىتايغا ساياھەتكە بېرىش تەسلەشكەن ۋە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشى بىلەن خىتاينىڭ چەتئەل شىركەتلىرىگە قاراتقان بېسىمى يەنىمۇ كۈچەيگەن بىر شارائىتتا خىتايدا سودا قىلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدىكەن.»
مەلۇم بولۇشىچە، مانا مۇشۇنداق قىيىنچىلىقلار ئاللىقاچان نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلارنى خىتايغا مەبلەغ سېلىشتىن ئىككىلەندۈرسە، يەنە نۇرغۇنلارنى مەبلەغلىرىنى ئاستا قەدەمدە بولسىمۇ يۆتكەشكە قىستىغان.
تەمىنلەش زەنجىرلىرى مەسلىھەتچىلىك شىركىتى بولغان «ئۇپۇق مەسلىھەتچىلىكى» (Horizon Advisory) نىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى نېت پىكارسىچ (Nate Picarsic) «ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» غا قىلغان سۆزىدە ھازىرقى ۋەزىيەتنى يىغىنچاقلاپ، «بۇ مەمۇرىي بۇيرۇقتىن كەلگەن ھەقىقىي سىگنال شۇكى، سىياسىي-جۇغراپىيىلىك ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك خەۋپى ئەمدى مەڭگۈلۈك قۇرۇلمىغا ئايلاندى. مانا بۇ شىركەت ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار چوقۇم ئويلىشىشى كېرەك بولغان ئۇزۇن مۇساپىلىك مەسىلىدۇر» دېگەن.