ئۆز دۆلىتىدە ئاۋازى بوغۇلغان خىتاي پۇقرالىرى دەردىنى ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا تۆكۈشكە ۋە ئۇنىڭغا ئۆزى يولۇققان مەسىلىلەرنى بايان قىلىشقا باشلىدى. ھەتتا بەزىلەر ئوبامادىن ئەسكەر چىقىرىپ خوڭكوڭنى، خالىسا پۈتۈن خىتاينى ئازاد قىلىپ بېرىشنى ئۆتۈندى.
خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇ مۇراجىئەتلىرى ئامېرىكا ئاقساراينىڭ تور بېتىدىكى پكىر ساندۇقىغا يېزىلغان.
ئۆتكەن بىر ھەپتىدىن بۇيان ئاقساراي تورىغا خىتايدىن كىرگۈچىلەر كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپەيگەن ۋە ھەرخىل ئەرزلەرگە ئىمزا قويغۇچىلار 170 مىڭغا يەتكەن.
«ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» دىكى خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىدە ئۆزىنى ئاجىز ۋە يۆلەكسىز ھېس قىلىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەن.