خىتاي باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك تەرەققىياتى ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 7 - ماي سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 6 - ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان دوكلاتنى«ئامېرىكا، جۇڭگونىڭ ئادەتتىكى دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى ھەققىدە قالايمىقان يەكۈن چىقاردى» دەپ ئەيىبلىدى.

بەش بۇرجەكلىك بىنا تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك تەرەققىياتى ھەققىدە يىللىق دوكلات» خىتاينى ھەربىي سېلىنمىدا ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشقا چاقىرىپ، «بېيجىڭ بۇ يىل 3 - ئايدا ھەربىي سېلىنمىنى 7.10 پىرسەنت كۆپەيتىپ، ئومۇمى ھەربىي خام چوتىنى 114 مىليارد دوللارغا چىقىرىش ئارقىلىق 20 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئىزچىللىقنى ساقلاپ قالدى. ھالبۇكى، خىتاي ئوچۇق - ئاشكارا بولمىغاچقا، ئۇ بازار ئىگىلىكىگە كۆچۈشنى تولۇق تاماملاپ بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ھەقىقىي ھەربىي خام چوتىنى ھېسابلاپ چىقىش قىيىن.» دېگەن ھەمدە 2012 - يىلى ئىچىدە يۈز بەرگەن ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە سودا شىركەتلىرىگە قىلىنغان ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرى ھەمدە ئۇچۇر ئوغرىلاش قىلمىشلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ئارمىيىسىنىڭ قولى بارلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ئىدى.