ئامېرىكا بىلەن خىتاي بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ ئۆزلىرىنىڭ يېرىم رەسمىي يادرو قوراللار ھازىرلىقى ھەربىي سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۆھبەتكە قاتناشقان ئىككى نەپەر ئامېرىكا ھۆكۈمەت ۋەكىلى، يېرىم رەسمىي يادرو قوراللار سۆھبىتىنىڭ بۇ يىل 3-ئايدا ئەسلىگە كەلگەنلىكى، سۆھبەتتە خىتاينىڭ ۋەكىلى ئۆزلىرىنىڭ تەيۋەنگە يادرو قوراللىرى ئىشلەتمەيدىغانلىقى ياكى يادرو قوراللار تەھدىتىدە بولمايدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغان.
بۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ يادرو قوراللار ھازىرلىقلىرى سۆھبىتى توختاپ قالغان بەش يىلدىن بېرى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ تۇنجى قېتىم قايتا ئەسلىگە كېلىشى، دەپ قارالماقتا. بۇ خەۋەر «سىتوكھولم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى» نىڭ 17-ئىيۇن كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي يادرو قوللىرى قىسىملىرىنىڭ «باشقا ھەرقانداق دۆلەتتىن تېز كېڭىيىۋاتقانلىقى» نى ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىنغان.
«سىتوكھولم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى» مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاينىڭ قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى سانىنىڭ كەلگۈسى 10 يىلدا رۇسىيە ياكى ئامېرىكانىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كېتىش مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۆھبەتتە ئامېرىكا تەرەپ ۋەكىلى، خىتاي تەرەپتىن ئەگەر تەيۋەن بىلەن بولغان توقۇنۇشتا مەغلۇپ بولسا خىتاي يادرو قوراللىرى ئىشلىتەمدۇ ياكى يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش ھالىتىدە بولامدۇ، دەپ سورىغان. بۇنىڭغا خىتاي تەرەپنىڭ ۋەكىلى ۋەدە بېرىپ، خىتاينىڭ يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنى تەشكىللىگۈچى ئامېرىكا تەرەپ ۋەكىلى دايۋىد سانتورو (David Santoro) ، «ئۇلار ئامېرىكا تەرەپكە ئۆزلىرىنىڭ يادرو قوراللارنى ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مۇنتىزىم ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى» دېگەن. خەۋەرلەردە، ۋاشىنگتوننىڭ شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سۆھبەتكە 6 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتكەنلىكى، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ۋە تەتقىقاتچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ھالبۇكى، خىتاي سۆھبەت ئۆمىكى سابىق خىتاي ئازادلىق ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەتقىقاتچى ۋە ئانالىزچىلاردىن تەشكىل تاپقان ئىكەن.