15-نويابىر كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ كالىفورنىيەنىڭ سان-فىرانسىسكو شەھىرىدە كۆرۈشكەن بىر پەيتتە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتى، كالىفورنىيەنىڭ رېدلېي شەھىرىدە بايقالغان قانۇنسىز بىيولوگىيە تەجرىبىخانىسىغا ئائىت تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 10-ئايدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى كالىفورنىيەنىڭ رېدلېي شەھىرىدە قانۇنسىز بىيولوگىيە تەجرىبىخانىسى قۇرۇشقا چېتىشلىق جۇ جيابېي ئىسىملىك 62 ياشلىق بىر خىتاينى قولغا ئالغان. بۇ شەخسنىڭ كالىفورنىيەدە قانۇنسىز بىيولوگىيە تەجرىبىخانىسى قۇرۇپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشى، ئەينى ۋاقىتتا بەزى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتى بۇ ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈش باشلىغان.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم كوستا، سابىق ئاۋام پالاتا رەئىسى كەۋىن ماكارتى ۋە ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىستراتېگىيەلىك ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گالاگېر قاتارلىقلار، پىرېزىدېنت بايدېن شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن 15-نويابىر كۈنى ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، قانۇنسىز بىيولوگىيە تەجرىبىخانىسىغا ئائىت تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا تەكشۈرگۈچىلەر بۇ تەجرىبىخانىدىن قان، توقۇلما ۋە ۋىرۇس ئەۋرىشكىلىرىنى، بىيولوگىيەلىك ماددا ۋە 1000 چاشقاننى تاپقان. ABC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە چاقىرىلغان گۇۋاھلىق يىغىنىدا، «تەكشۈرۈشنىڭ رېدلېي بىيولوگىيە تەجرىبىخانىسىنىڭ ئىگىسى، قۇرغۇچىسى جۇ جيابېي بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتنى ئاشكارىلىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.
دوكلاتتا يەنە جۇ جيابېينىڭ كانادا، ئامېرىكا تېخنولوگىيەسىنى ئوغرىلىشى سەۋەبلىك قانۇن جاۋابكارلىققا تارتىلىپ، 330 مىليون دوللار تۆلەشكە بۇيرۇلغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئامېرىكاغا قانۇنسىز كىرگەنلىكىگە دائىر تەپسىلاتلار ئاشكارىلانغان. لېكىن 15-نويابىر «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا، بايدېن ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاينىڭ قاتتىق تەنقىد قىلىنغانلىقى، دوكلاتنىڭ مەسىلىگە جاۋاب بېرىشتىن كۆپرەك تېخىمۇ كۆپ سوئال پەيدا قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.