FBI باشلىقى خىتاينى ئامېرىكاغا كېلىۋاتقان تەھدىتنىڭ مەركىزى، دەپ كۆرسەتكەن
2024.04.11
ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ باشلىقى كرىستوفىر ۋرېي (Christopher Wray) 9-ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، خىتاينى ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق كۈچ، دەپ كۆرسەتكەن.
كىرىستوفىر ۋرېي شۇ كۈندىكى سۆزىدە، دۆلەتلەر بىلەن باغلىنىشلىق بولغان تەھدىت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە ئۇنىڭ مۇھىم ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىگە پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتىنىڭ بارغانسېرى زورىيىۋاتقانلىقى ۋە مۇرەككەپلىشىۋاتقانلىقىنى دېگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي بۇ تەھدىتلەرنىڭ ئالدىنقى سېپى ۋە مەركىزى، ئۇ بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى روشەن تەھدىتتۇر. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي كومپارتىيەسى پۈتكۈل ھاكىمىيەت كۈچىنى دۇنيانىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىشى، بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئاتىماقتا» .
كىرىستوفىر ۋرېي شۇ كۈندىكى سۆزىدە يەنە، خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتنىڭ پەقەت تور ھۇجۇمىلا ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي جاسۇسلۇق، يامان غەرەزلىك سىڭىپ كىرىش، سايلامغا ئارىلىشىش ۋە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ئىكەنلىكىنى، بۇلارغا ماس قەدەمدە ئەنئەنىۋى جاسۇسلۇق ئۇسۇللىرىنىمۇ قوللىنىۋاتقانلىقىنى، ئادەم كۈچى توپلاپ ئامېرىكا كارخانىلىرىنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىچكى قىسىمدىكىلەردىن پايدىلىنىپ، يېڭىلىقلارنى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ئوغرىلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، كىرىستوفىر ۋرېي 11-ئاپرىل پەيشەنبە كۈنى يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئامېرىكاغا كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ھەققىدە دوكلات بېرىدىكەن.