ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە بازىرىنى ئىگىلىۋالغان خىتاي ئەپلىرىنىڭ تىك-توك بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقى مەلۇم بولدى

خىتاينىڭ تىك-توك ئېپى ئامېرىكادا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن داڭلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى بولۇپ، يېقىندا بۇ ئەپنىڭ مەزمۇنى، ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تىك-توكنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى جوۋ شوۋزىنى سوراققا تارتقانىدى.

لېكىن يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تىك-توك غەرب بازىرىنى، بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە بازىرىنى ئىگىلەۋاتقان بىردىن-بىر خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى ئەمەس ئىكەن. «ئەپتوپىيە» ناملىق بىر تور ئانالىز شىركىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تىك-توكتىن باشقا ئامېرىكادا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئالدىنقى قاتاردىكى 10 ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىنىڭ ئىچىدە يەنە 3 ئەپ خىتاي شىركىتىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئىكەن.

دوكلاتتا، بۇ 3 ئەپنىڭ ئىككىسىنىڭ ئەنگلىيەدىمۇ ئەڭ كۆپ يۈكلىنىدىغان ئەپلەر ئىكەنلىكىى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ داڭلىق 3 ئەپ كاپكەت Cupcat, شېئىن Shein ۋە تېمۇ Temu قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى شېئىن Shein داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىزدەش ماتورى دۇنيادا ئەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان ئەپلەرنىڭ بىرى ئىكەن. شېئىن ئىلگىرى كىيىم-كېچەكلىرىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئامېرىكا «بلۇمبېرگ» ئ‍اگېنتلىقى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىكى خەۋىرىدە، تەجرىبىخانىدىكى د ن ئا تەكشۈرۈشىدىن شېئىننىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلەتكەن خام ئەشيانىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» ئىكەنلىكى مەلۇم بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە، ئەمما ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، خىتاينىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئەپلەرنىڭ مەخپىيەتلىك مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ ئەپلەردىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىشى، ئۇنىڭغا دەخلى-تەرۇز ياكى مۇداخىلە قىلىشى ئاسان ئىكەن.