ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» نى ئاقلاپ بايانات ئېلان قىلغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 28‏-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان لاگېرلار ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججىتىگە ئىنكاس قايتۇرغان.

باياناتتا مەزكۇر ھۆججەتلەر ئىنكار قىلىنمىغان ۋە ئۇنىڭغا ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىگەن بولۇپ، پەقەتلا مەزكۇر ھۆججەتنى ئاشكارىلىغان ۋە ئۇنى خەۋەر قىلغان چەتئەل تاراتقۇلىرى بىلەن تەشكىلاتلىرىنى ئەيىبلىگەن.

باياناتتا «چەتئەل تاراتقۇلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى ئاتالمىش ‹شىنجاڭ مەخپىي ھۆججەتلىرى› نى باھانە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ‹كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش› خىزمىتىنى كەڭ داۋراڭ قىلماقتا شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش›، ‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش› تە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىگە قارا چاپلىماقتا،» دېيىلگەن.

24‏-نويابىر كۈنى ۋاشىنگتوندىكى «خەلقئارا تەكشۈرۈش ئاخباراتچىلىقى بىرلەشمىسى» خىتاينىڭ لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى قانداق باشقۇرۇش توغرىسىدىكى مەخپىي ھۆججەتلىرىنى ئاشكارىلاپ، خىتاينى ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. مەخپىي ھۆججەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا قۇرغان لاگېرلارنىڭ كۆلىمى، لاگېرلارنى قانداق ئىدارە قىلىش، مەخپىيلىكىنى ساقلاش، لاگېرلارنى سىستېمىلىق باشقۇرۇش ئۇسۇلى ۋە بۇ سىياسەتنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى قاتارلىق نۇرغۇن تەپسىلاتلار ئېنىق كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر ھۆججەتلەر خەلقئارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مەزكۇر ھۆججەتلەرنى «ئېنىق جىنايى پاكىت» دېگەن ئىدى. لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتىدا بۇ ئورۇنلارنىڭ «جازا لاگېرلىرى» ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، بۇ ئورۇنلاردا «ھېچقانداق چەكلىمىنىڭ يوقلۇقى، كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى تارتىۋېلىشتەك خاھىشلارنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر خىل ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قوغدىلىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. باياناتتا يەنە بۇ ئورۇنلاردا ھېچقانداق بىر چەتئەل پۇقراسىنىڭ تەربىيەلىنىپ باقمىغانلىقى، «شىنجاڭدا تەقىبلەش ۋە ئالاقە ئەركىنلىكىنى چەكلەشنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى» تەكىتلەنگەن.