خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئاۋسترالىيەگە يېقىن دېڭىز رايونىدا ھەربىي مانېۋىر قىلىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋسترالىيەنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان، بۇ ئورۇن تاسمان دېڭىزىدىكى سىدنېي دېڭىز قىرغىقىدىن تەخمىنەن 130 دىن 150 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەن. گەرچە بۇ جاي خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكىدىكى يەر بولسىمۇ ۋە خىتاينىڭ بۇ يەردە ھەربىي مانېۋىر قىلىشى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ جاينى تاللاپ تۇرۇپ ھەربىي مانېۋىر قىلىشى «بىنورمال ۋە زۆرۈر بولمىغان» بىر ھەرىكەت ئىكەن.
يېڭى زېلاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جۇدىس كوللىنس پەيشەنبە كۈنى يېڭى زېلاندىيە رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇنى بىر «ئويغىنىش سىگنالى» دەپ ئەسكەرتكەن. ئۇ سۆزىدە «خىتاينىڭ مانېۋىرى نورمالدىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مۇرەككەپ ھەربىي پاراخوتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان» دېگەن.
21-فېۋرال جۈمە كۈنى، ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زېلاندىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار خىتاينىڭ بۇ ھەربىي مانېۋىرىدا ئوق ئىشلىتىۋاتقان بولۇش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇچۇش سەپەرلىرىنى يۆتكىگەن.
ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېننىي ۋوڭ ئاۋسترالىيە ئاخباراتلىرىغا قىلغان سۆزىدە بۇ خەۋەرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىگەن. شۇنداقلا ئۇ، خىتاي تەرەپ بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ بۇ ھەربىي مانېۋىرى قانۇنسىز بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي تەرەپ بۇ ھەقتە بىزگە تولۇق مەلۇمات بەرمىدى. بىز بۇ مەسىلىنى خىتاي بىلەن مۇزاكىرە قىلىمىز، چۈنكى ھەقىقىي ئوق-دورا ئىشلىتىلىدىغان مانېۋىرلارغا دائىر ئىككى تەرەپ ئارىسىدا كېلىشىم بار.»
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بۇ ھەربىي مانېۋىرى دەل ئامېرىكانىڭ بۇ رايوندا تۇرۇشلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانىنىڭ ئاۋسترالىيەنى زىيارەت قىلغان مەزگىلىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، ئۇ يېقىندا قىلغان بىر سۆزىدە، خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقان دېڭىز مانېۋىرلىرىنى تەنقىد قىلغان ئىكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۈن جۈمە كۈنىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا، بۇ مانېۋىرنىڭ «خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا ئەمەلىيەتكە ئاساسەن بىخەتەر، ئۆلچەملىك، كەسپىي ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىگە سۆز قىلغان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، بۇنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قىرغاقلىرىدىن يىراق بولغان جايلاردا ئېلىپ بارغان كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكىتى» دېگەن.