خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ ئارقا سەپ ئاشلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بۇ يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش زاپىسىنى ئۆتكەن يىلقىدىن يەنە بىر مىليون توننا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كارنىيى ھېسابلانغان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 20-فېۋرال كۈنى چاقىرىلغان يېزا خىزمىتى يىغىنىدا، رايوننىڭ بۇ يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ 22 مىليون 200 مىڭ توننادىن كەم بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىنغان. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈينىڭ «دۆلەتنىڭ ئاشلىق ھەم مۇھىم يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇقىم ۋە بىخەتەر تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتا دائىم چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ئارقا سېپىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» نى تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، رايوننىڭ «ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى كېڭەيتىپ، قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى يەنە بىر مىليون توننادىن ئارتۇق ئاشۇرۇش كېرەك» ئىكەن. لېكىن ئۇ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، يىللىق پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ بەش مىليون توننادىن كۆپ بولۇشىغىمۇ كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2023-يىلى ئۇيغۇر رايونىنىڭ 21 مىليون 190 مىڭ توننادىن ئارتۇق ئاشلىق ئىشلەپچىقارغانلىقى، ئۇنىڭ ئالدىنقى يىلقىدىن 16.9 پىرسەنت ئارتۇق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا خىتاي بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
خىتاينىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئۇيغۇر رايونىنى ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاشلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانى، ئۇنىڭ 2017-يىلدىن باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى لاگېر، تۈرمىلەرگە قاماپ ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇپ، تېرىلغۇ يەرلىرىنى خىتاي دېھقانچىلىق فېرمىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنىڭ ئارقىسىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بۇ يىللىق يېزا ئىگىلىك خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، خىتاينىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇش ئىكەن.