خىتاي ئادۋوكات ھۆكۈمەتنىڭ «دۆلەت مەخپىيىتى» بەلگىلىمىسى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.02.27

خىتايدا بىر ئادۋوكات ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ تۇپراقتىكى بۇلغىنىشقا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى «دۆلەت مەخپىيىتى» دەپ ئاشكارىلىماسلىقى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭلىق ئادۋوكات دوڭ جېڭۋېي يېقىندا خىتاي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش مىنىستىرلىقىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، ھاۋا ۋە تۇپراقتىكى بۇلغىنىش دوكلاتىنى كۆرمەكچى بولغان.

دائىرىلەر مەزكۇر دوكلاتىنىڭ «دۆلەت مەخپىيىتى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئادۋوكاتنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلغان.

دوڭ جېڭۋېي چارشەنبە كۈنى فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا: بۇ ئاممىنىڭ بىلىش ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلغانلىق، دېگەن ۋە شۇ ۋەجىدىن خىتاينىڭ ئۇچۇر-مەلۇمات ئەركىنلىكىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىسى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتايدا سۇ مەنبەلىرى ۋە تۇپراقلارنىڭ بۇلغىنىشى نەتىجىسىدە خىتاينىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا «راك مەھەللىرى» مۇ شەكىللەنگەن. خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىغا قارىغاندا، خىتايدا نۆۋەتتە 100 دىن ئارتۇق بۇلغانغان يېزا بار ئىكەن. بۇ يېزىلاردىكى راك ۋە باشقا كېسەللىك نىسبىتى باشقا جايلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى ئىكەن.

خىتايدىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ زەھەرلىك ئىس-تۈتەكلەرگە پۈركۈنۈپ كېتىشى خىتاي تور بەتلىرىدىكى كۈچلۈك مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

خىتاي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش مىنىستىرلىقى 5 يىل ئاۋۋال 1 مىليارد يۈەن سەرپ قىلىپ، تۇپراقلاردىكى بۇلغىنىش دەرىجىسىنى تەكشۈرگەن ئىدى. ئادۋوكات دوڭ بۇ دەۋادا ئۇتۇپ چىقالىشىدا ئۈمىدنىڭ زور ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.