«غەربىي يۇرت» قانۇن مۇلازىمەت ئورنىنىڭ باشلىقى، ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جاڭ يۈەنچىن پەيشەنبە كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن بېيجىڭدا ۋاپات بولغان.
جاڭ يۈەنچىن 2005 ، 2006-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىن ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە ئوقۇشقا يۆتكەپ كېلىنگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش داۋاسىدا ئادۋوكاتلىق قىلغان ئىدى.
جەنۇبتىن كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر بالىلىرىدا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بايقالغان. سەھىيە تارماقلىرى باشقىلارغا تەسىر قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي مەكتەپ دائىرىلىرى ۋىرۇسنىڭ خىتاي بالىلىرىغا يۇقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئوقۇشتىن توختىتىپ يۇرتىغا قايتۇرۇشقا باشلىغان.
بۇنىڭدىن نارازى بولغان بەزى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئەرز قىلغان.
يەرلىك دائىرىلەر قاتتىق بېسىم ئىشلەتكەن بولسىمۇ، لېكىن جاڭ يۈەنچىن بۇنىڭغا قارىماي بالىلارنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، مەكتەپ ۋە ھۆكۈمەتنى سوتقا تارتقان. ئەرزدە ئۇتۇپ چىقىپ، بالىلارنىڭ مەكتەپكە قايتىپ بېرىشىغا ياردەم قىلغان ئىدى.
بۇ ۋەقەدىن خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇن ۋە بەلگىلىمە چىقىرىپ، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىدا يۇقۇملانغان بالىلارنى كەمسىتىشنى، ئۇلارنى ئوقۇشتىن توختىتىپ قويۇشنى چەكلەشكە مەجبۇر بولغان.