چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاينىڭ ئىككى ئاخبارات ئورگىنىنى جازالاشقا چاقىردى

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاينىڭ دۆلەت ئاخبارات ئورگانلىرىغا قارىتا جازا تەدبىرى ئېلىشقا چاقىردى.

مەزكۇر چاقىرىق پەيشەنبە كۈنى يەنى شىۋېتسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى پىتېر داھلىننىڭ خىتاي دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۆزىگە ئارتىلغان ئاتالمىش «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىش» جىنايىتىنى «ئىقرار» قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى تارقىتىلغاندىن كېيىن ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ بۇ «ئىقرارى» شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىنمۇ خەۋەر قىلىنغان.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «بىز قىلچىلىكمۇ ئاخبارات قىممىتى بولمىغان بۇ مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلۇش سەھنىسىنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەندۇق. مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەھدىت ۋە بېسىم يولى بىلەن ئېلىنغان بۇ كۆرۈنۈشنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سېپى ئۆزىدىن تەشۋىقات قورالى ئىكەنلىكىنى ۋە ئاخبارات ئورگىنى بولۇش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بەردى».

مەزكۇر تەشكىلات باياناتىنىڭ ئاخىرىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ، بۇ ئىككى خەۋەر ئورگىنىغا قارىتا جازا تەدبىرى ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىتېر داھلىن «خىتايدا جىددىي ھەرىكەت خىزمەت گۇرۇپپىسى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ بۇ يىل 1-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى «ئاممىنى ھۆكۈمەتكە قارشى كۈشكۈرتۈپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇش» بىلەن ئەيىبلىگەن.