«خەلق تورى» نىڭ 13-ئاپىرىلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدىكى ئەڭ يۇقىرى ئاخبارات ئورگىنى بولغان «خەلق تورى» يېقىندا ئۇيغۇرچە ئۈندىدار قانىلى ئاچقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەستىقلىغان مەزكۇر ئۈندىدار قانىلىدا كۈندىلىك سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت خەۋەرلىرى ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىلىدىكەن.
خىتايدا فېيسبۇك، تۋىتتېر قاتارلىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئىشلىتىش چەكلەنگەن بولغاچقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ ئاۋام پۇقرالارنىڭ «ئۈندىدار» نى ئىشلىتىشىنى تەشەببۇس قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۈندىدارنىڭ خىتايدىكى قوللىنىلىش نىسبىتى شىددەت بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئۈندىداردا ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلۇق» ۋە «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» كە دائىر ئۇچۇرلارنى كۆرگەن دېگەن سەۋەب بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان.
كۆزەتكۈچىلەر، «خەلق تورى» دا ئۇيغۇرچە ئۈندىدار قانىلىنىڭ ئېچىلىشى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى مىللىي ۋە دىنىي مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ تارقاتقان سىياسىي تەشۋىقاتلارنى كۆرۈشكە ئۈندەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ قارىماقتا.