خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىش تەشۋىقاتىنى داۋاملىق ئېلىپ بارماقتىكەن

خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ مەسىلىسى»، بولۇپمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى ئاخبارات جېڭىدە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۈستۈنلۈك قازىنىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە ئىكەن.

«يېڭى ئەرەب» ((The New Arab تورىنىڭ 8-نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، خىتاينىڭ تىك-توك، يۇتۇب، تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا مەلۇم تەسىرگە ئىگە شەخسلەرنى تاللاپ، ئۆز تەشۋىقاتىغا سېلىۋاتقانلىقى ھەمدە ساختا ئۇچۇر تارقىتىشتا خېلىلا ئۈستۈنلۈك قازىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ماقالىدە مىسال ئېلىنغان «شىنجاڭ گۇلى»(Alice) دېگەن ئۇيغۇر قىز 20 ياشلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، مەخسۇس يۇتۇب قانىلى ئېچىپ، غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەيبلىشىگە غەزەبلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرى مايك پومپېيونى مەسخىرە قىلغان. ئۇنىڭ يۇتۇبتا 53 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بار ئىكەن.

بۇنىڭغا ئوخشىغان قىزلار خېلى كۆپ بولۇپ، خىتايچىنى ياخشى سۆزلەيدىكەن، مودا قوغلىشىدىكەن، ھاراق-شاراپ ئىچىدىكەن. بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ «دىندىن خالىي، بەختلىك» تۇرمۇشتا ياشاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىدىكەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، دانىيەلىك تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئىشلەنگەن شۇ خىل مەزمۇندىكى ۋىدىيولاردىن 2672 ۋىدىيونى توپلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە «خەلق گېزىتى»، «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»، «خىتاي خەلقئارا تېلىۋىزىيە تورى» قاتارلىق تاراتقۇلىرىدا ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»دە تەربىيەلىنىپ چىققانلارنىڭ «ئۈلگىلىك ئىش-ئىزلىرى»نى ئالاھىدە تەشۋىق قىلغان.