ئامېرىكا خىتاينى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان مۇئامىلىسىنى ياخشىلاشقا دەۋەت قىلماقچى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي بىلەن كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈدىغان دىئالوگ جەريانىدا خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان مۇئامىلىسىنى ياخشىلاشقا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالدىمىزدىكى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋە خىتاي تەرەپ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك دىئالوگ خىتاينىڭ كۈنمىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جەن پساكى جۈمە كۈندىكى بايانىدا مۇنداق دېدى: كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدىكى ئاچقۇچ خاراكتېرلىك مەسلەك. بۇ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز مەزكۇر مەسىلە ئۈستىدە خىتاي بىلەن سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مۇنازىرە ئۆتكۈزۈشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز.

ئۇ يەنە، خىتاي تەرەپ بىلەن خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان مۇئامىلىسى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ئەمگەك ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 89 - يىلدىكى «تىيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى رەسمىي يولغا قويۇلغان.

بۇ نۆۋەت خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دىئالوگ شۇ خىلدىكى دىئالوگلارنىڭ 18 - قېتىمقىسى.