خىتاي، فىجى دۆلىتىنىڭ ساقچىلىرىنى «نامايىش ۋە تۇيۇقسىز ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش» بويىچە تەربىيىلەيدىكەن. فىجى ۋاقىت گېزىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدىن قارىغاندا، 15 نەپەر فىجى ساقچىسى خىتاينىڭ ۋەقە بىر تەرەپ قىلىش «تەجرىبىلىرى» نى ئۆگىنىش ئۈچۈن، چارشەنبە كۈنى خىتايغا يۈرۈپ كەتكەن.
تەربىيىلەش ئىككى ھەپتە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ساقچىلارنىڭ ۋىزىسىنى خىتاينىڭ فىجىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ياڭ جاۋخۇي ئۆز قولى تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ فىجىدىن خىتايغا بېرىپ تەربىيىلىنىشكە ماڭغان 3 - تۈركۈم ساقچىلار ئىكەن.
مەزكۇر خەۋەر، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار، خىتاينىڭ «تۇيۇقسىز ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش» تەجرىبىسىنىڭ ھەرقانداق يوسۇندىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا كەڭ قوللىنىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرنى تىنجىتىشتا «ھەددىدىن زىيادە كۈچ ۋە سوتسىز ئۆلۈم ۋاستىسى» قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ كەلگەن.