ئۇيغۇر دىيارىدىكى چېكىدىن ئاشقان باستۇرۇش بىر قىسىم خىتايلارنىمۇ ھەيران قالدۇرۇپ، ئۇلارنى بۇ ھەقتە ئاز-تولا پىكىر قىلىشقا ئۈندەۋاتقانلىقى مەلۇم. 2018-يىلى ئەتىيازدا دەم ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدا ساياھەتتە بولغان ئىچكىرىدىكى داڭلىق پارتىيە گېزىتلىرىنىڭ بىر سابىق مۇخبىرى يېقىندا ئۆزىنىڭ شۇ ۋاقىتتا كۆرگەنلىرىنى ئېلان قىلىپ، لاگېر سىرتىدىكىلەرنىڭ ھاياتى قانداق داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
قەشقەردە بۇ خىتاي مۇخبىرنى ھەيران قالدۇرغان تۇنجى ئىش بۇ شەھەرنىڭ توپا باسقان ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ۋە كوچىلىرىنىڭ بەكمۇ پاكىز ئىكەنلىكى بولغان. ئۇ ئىچكىرىدىكى خىتاي شەھەرلىرىدە ھەممىلا يەردە كۆزگە چېلىقىدىغان ئەخلەت-چاۋا ۋە يۇندا باسقان يوللارنى ئۇچراتمىغان. ئەمما قەشقەردە ھەممىلا جايدا كۆزگە چېلىقىدىغان بىر ھادىسە يول-يوللاردىكى ساقچى تەكشۈرۈش پونكىتلىرى بولۇپ، خىتاي شوپۇرلار ماشىنىسىنى ھەيدەپ قول پۇلاڭلىتىپ قويۇپلا ئۆتۈپ كېتىۋېرىدىكەن، ئەمما ئۇيغۇرلار بولسا جەزمەن تولۇق تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈشى لازىم ئىكەن. ھەممىلا جاينى ساقچىلار قاپلىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان خىتاي كادىر «قەشقەر ھازىر پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ بىخەتەر جاي» دەپ ماختانغان. ئەمما ئۇ بۇ جايدىكى تولۇق قوراللانغان ئەسكەر ۋە ساقچىلارنىڭ ئاساسەن خىتايلار ئىكەنلىكىنى، كالتەك-توقماق كۆتۈرۈشۈۋالغان ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
بۇ خىتاي قەشقەردە ھەيرانلىق ئىچىدە بايقىغان يەنە بىر مەسىلە ھەممىلا ئۇيغۇرنىڭ بايراق چىقىرىش ۋە خىتايچە ئۆگىنىشكە تەشكىللىنىشى بولغان. بولۇپمۇ دۈشەنبە كۈنى سەھەر سائەت ئالتىدىن توققۇزغىچە ھەممىلا ئۇيغۇر بايراق چىقىرىش، قەسەمياد بېرىش، سىياسىي نۇتۇق ئاڭلاش دېگەنلەرنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولغاچقا ئۇ شۇ كۈنى ئەتىگەندە تاكسى چاقىرالمىغان. ئۇ كۆرگەن ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ۋە ھەممىلا كەنتتە ئاز دېگەندىمۇ ھەر ھەپتىسى ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق پاش قىلىش يىغىنى ئېچىلىدىكەن، بۇ يىغىندا كىشىلەر ئۆزىنى ھەمدە باشقىلارنىڭ «سىياسىي كەمچىلىكى ۋە مەسىلىسى» نى پاش قىلىدىكەن. بۇ ئىشلارغا خىتاي سېكرېتارلار بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىدىكەن.
ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ يېزىلارنى ئايلاندۇرغان خىتاي سېكرېتارلاردىن بىرى «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قالاق ھالەتتىن قۇتۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىۋاتىمىز. مەسىلەن، ئۇلار ئىلگىرى چاغان ئۆتكۈزمەيتتى. ھازىر ھەممىلا ئۇيغۇرنىڭ ئىشىكى ئالدىغا خىتايچە يېزىقتا چاغانلىق مەسنەۋى ئېسىلىدىغان بولدى. ئۇيغۇرلار ئىلگىرى بورىدا ياكى گىلەمدە ئولتۇرۇپ تاماق يەپ، يەنە شۇ بورا ياكى گىلەمدە ئۇخلايتتى. بىز ئۇلارغا يېڭىچە ئائىلە جابدۇقلىرىنى ئىشلىتىشنى ئۆگەتتۇق. شۇندىن بۇيان ئۆي جابدۇقلىرىنىڭ باھاسى تېزلا ئۆسۈپ، ئۇلارنى ساتىدىغان سودىگەرلەر بېيىپ كەتتى» دېگەنلەرنى سۆزلەپ بەرگەن.
خىتاي مۇخبىر ھەرقايسى جايلاردا ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدىن سىقىپ چىقىرىلغانلىقىنى كۆپلەپ كۆرگەن. كىشىلەرنىڭ تاماكا چەكمەسلىكى، ھاراق ئىچمەسلىكى ئېغىر سىياسىي مەسىلە قاتارىدا تەكشۈرۈلگەن. ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان خىتاي سېكرېتار «ھازىر ھاراق ئىچىدىغان، تاماكا چېكىدىغان كادىرنى بىز ياخشى كادىر دەيمىز. ئاشخانىلاردىمۇ جەزمەن ئۈستەلگە كۈلدان قويۇلۇشى لازىم. بۇ بىر زور تەرەققىيات» دېگەن. ئەمما ئۇ كۆپلىگەن مەسچىتلەرنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە سورىغاندا خىتاي سېكرېتار «بۇ ئۇيغۇرلار پۇل تاپسىلا بىر بولسا مەسچىت سېلىۋالىدۇ، بىر بولسا تۈمەنلەپ پۇل خەجلەپ ئۆي بېزەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ باي بولالماسلىقىدىكى تۈپ سەۋەب» دېگەن.
خىتاي سېكرېتار بۇ مۇخبىرنى ئايلاندۇرغاچ ئۇنىڭغا يېزىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇرچە خەت يازالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ ھەيران بولۇپ «مەكتەپلەردە قوش تىللىق ئوقۇتۇش يولغا قويۇلغان ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىغاندا ئۇ سېكرېتار ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلاردا كۆپ مەسىلىلەر مەۋجۇت بولغانلىقتىن ھازىر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان. مۇخبىر ھەيران بولۇپ «ئون نەچچە يىل ئىشلىتىلگەن دەرسلىك كىتابلاردىكى بۇنچە كۆپ مەسىلىلەر ئىلگىرى بايقالماي چېن چۈەنگو كەلگەندىن كېيىن بىراقلا بايقالغىنى قىزىققۇ؟» دەپ سورىغاندا سېكرېتار «بۇ ئاساسلىقى چوڭقۇر يوشۇرۇنۇۋالغان ‹ئىككى يۈزلىمىچى› ئەمەلدارلارنىڭ كۆپلۈكىدىن بولغان» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ يەنە ماختانغان ھالدا «ئەھۋال مۇشۇ تەرىقىدە 50 يىل داۋام قىلسا ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيىتى پۈتۈنلەي يوقىلىدۇ» دېگەن. تەرەققىيات توغرىسىدا گەپ بولغاندا «بىزنىڭ ۋەزىپىمىز مۇقىملىق ۋە ئەمىنلىك ئورنىتىش. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلمىسىمۇ بولۇۋېرىدۇ» دېگەننى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.