خىتاي بايلىرى ئەنگلىيەگە كۆچمەن بولۇشقا ئىنتىلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.05.27

ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ 1500 دىن ئارتۇق پۇلدار بېيىنىڭ ئەنگلىيەگە مەبلەغ سالغۇچى كۆچمەن بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي پۇلدارلىرىنىڭ ئەنگلىيەگە مەبلەغ سالغۇچى كۆچمەن بولۇش نىسبىتى يىلدىن-يىلغا كۆپەيگەن بولۇپ، 2013-يىلى، 507 نەپەر پۇلدار باي كۆچمەنلىككە ئىلتىماس قىلغان بولسا، 2014-يىلى، بىراقلا كۆپىيىپ 1583 كىشىگە يەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا پارىخورلۇق، چىرىكلىككە قارشى ھەرىكەت ئالدىنقى يىللاردىكىگە قارىغاندا، يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە تېخىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، كۆپلىگەن ئۆلكە، مۇئاۋىن ئۆلكە، نازىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار پارىخورلۇق دېلولىرى بىلەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى ۋە تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىندى. خىتاي ئالىي ھەربىي-سىياسىي رەھبەرلىك قاتلىمىغا مەنسۇپ جۇ يۇڭكاڭ، شۈ سەيخو ۋە باشقىلارمۇ پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك قىلمىشى بىلەن جازاغا ئۇچرىدى.

مەتبۇئات ئىنكاسلىرىدا ۋە خەۋەرلىرىدە خىتاي كومپارتىيە ئەمەلدارلىرى ۋە پۇلدار بايلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە باشقا ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارىلىق زور مىقداردىكى پۇللىرى ۋە بايلىقلىرىنى غەرب دۆلەتلىرىگە يۆتكىگەنلىكى ھەم يۆتكەۋاتقانلىقى كۆپ ئوتتۇرىغا چىققان تېما بولماقتا.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ دۆلەتكە مەبلەغ سېلىپ كۆچمەن بولۇش شەرتىنى ئىلگىرى ئاز دېگەندە بىر مىليون فۇنت ستېرلىڭ قىلىپ بەلگىلىگەن بولسا، يېقىندا قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمنى ئىككى مىليون فۇنت ستېرلىڭغا كۆتۈرگەن.

ب ب س نىڭ «قوغدىغۇچى» گېزىتىدىن نەقىل ئېلىشىچە، خىتاي مەبلەغ سالغۇچى كۆچمەنلىرىنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنىشى 2013-يىلى 99% كە يەتكەن بولسا، كۆچمەن بولۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ ۋىزا ئېلىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، 85% كە چۈشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.