خىتاي دۆلىتىنىڭ «تۇغۇلغان كۈنى» گە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزىدىن نەزەر

خىتايدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ جەرياندا قانداق ئاتالمىش «شانلىق تەرەققىيات» لارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى تەبرىكلىنىۋاتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر «تۇغۇلغان كۈن» گە باشقىچە قاراشتا ئىكەنلىكى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «ئۇيغۇرلارنىڭ بايانلىرى ‹پارقىرىغاننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس› دېگەن ھېكمەتنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى» دېدى.

«زىمىستان» ژۇرنىلىنىڭ 1-ئۆكتەبىر سانىغا بېسىلغان رۇس ئىنگرامنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە مۇشۇ مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ «تۇغۇلغان كۈنى» نىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ قەشقەر كوچىلىرىدا سېرىق ئەجدىھانى جەۋلان قىلدۇرۇۋاتقاندا، شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ 1949-يىلى ئۇيغۇرلارنى «فېئوداللارنىڭ زۇلۇمى» دىن خالاس قىلغانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقاندا بۇ جەزبىدار شەھەرنىڭ ئاخىرقى سۈلكەتلىك مەنزىرىسى كۆزلەردىن يۈتۈشكە يۈزلەنگەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچى، تۇرپان، كورلا قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ كوچىلىرىدا «جۇڭخۇا، مەن سېنى سۆيىمەن» دېگەندەك قىزىل ناخشىلارنى قانداق ئىشتىياق بىلەن ئېيتىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قانداق مىننەتدار بولۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىماقتىكەن. ئاپتور بۇ ھەقتە توختىلىپ: «نۆۋەتتە ئۈچ مىليون ئۇيغۇر لاگېرغا قامالغان بولۇپ، قىزىل ناخشا ئېيتمىسا لاگېرغا بارىدىغان قورقۇنچلۇق تەقدىر ئۇلارنى بۇنىڭدىنمۇ كۆپ قىزىل ناخشىلارنى ئېيتىشقا مەجبۇرلىماقتا» دەپ كۆرسىتىدۇ.

ئاپتورنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يەنە بىر نۇقتا، خىتاي ھازىر خەلقئارالىق سورۇنلاردىمۇ ئۆتكەن 70 يىلدا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق غەمخورلۇق قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەشۋىق قىلماقتىكەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئىلمەكلىرىگە ئىلىنىپ قالغان ئوتتۇز نەچچە دۆلەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە ھازىر قانچىلىك ئۇيغۇرغا بىردىن مەسچىتنىڭ توغرا كېلىدىغانلىقىنى پەش قىلىش ئارقىلىق، بۇ ساننىڭ خەلقئارادىكى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ سەۋىيەسىدىنمۇ ھالقىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «مەيلى بېيجىڭ قانداق شەكىلدىكى يالغانلارنى ئېيتمىسۇن، ئۇ ھامان ھەقىقەت بىلەن روبرو بولغاندا رەسۋا بولماي قالمايدۇ» دەيدۇ.