خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئۆسۈش نىسبىتى بارغانچە ئاستىلاۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي رەھبەرلىرى ئىقتىسادىي ئىگىلىكنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەش ئۈچۈن بېيجىڭغا يىغىلدى.
بۇ نۆۋەت بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان خىتاي كومپارتىيەسى 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنى «30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ مۇھىم يىغىن» دەپ قارالماقتا.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» دا بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى بىر پارچە خەۋەردە، يۇقىرىدىكى يىغىننىڭ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى كاپىتالىستىك بازار ئىگىلىكى ماتورى ئۆچۈش ئالدىدا ئېچىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، دۆلەت ئىگىلىدىكى كارخانىلار خىتاي ئىقتىسادىنى ئاستىلاتقان.
2008 - يىلىدىن بۇيان داۋام قىلغان دۇنيا ئىقتىسادىي كرىزىسى خىتاي ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، خىتاي ئىقتىسادىدىكى ئۆسۈش ئاستىلىغان ئىدى.
ئەگەر، بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك چارە - تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويالمىسا، بۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئىناۋىتىگە ئېغىر زىيان سالىدىكەن.